ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاقلاردىكى ئاي-ئاي ئۆزگىرىشلەرئون بىر 11 ئايلىق بوۋاقلاردىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تەۋسىيەلەر

ئون بىر 11 ئايلىق بوۋاقلاردىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تەۋسىيەلەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياخشىمۇسىلەر قېرىنداشلار. مەن نۇرمەمەت دوختۇر. بۇ فىلىمىمىزدە 11 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئۆزگىرىشلىرى ۋە تەرەققىياتلىرى توغرىلىق توختىلىمىز. بىر ياشقا ئاز قالغان بۇ بوۋاقلارنىڭ نىملەرنى قىلالايدىغانلىقىغا سىز ھەيران قالماي تۇرالمايسىز. قېنى ئەمىسە فىلىم ئاستىدىكى بارىكاللا بارمىقىنى بېسىۋېتىڭ، بىزگە مۇشتەرى بولۇڭ، بوۋاققا قايتىش سەپىرىمىزنى باشلايلى.

11 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ بەدەن سانلىق ئۇچۇرلىرى

باش ئايلانمىسى: 43.4 – 48.2 سانتىمېتىر

بوي ئۇزۇنلۇقى: 70.2 – 78.9 سانتىمېتىر

بەدەن ئېغىرلىقى: 7600 – 11600 گىرام

 

11 ئايلىق ساغلام بوۋاقلارنىڭ ئۆزگىرىشلەر

11 ئايلىق بوۋىقىڭىز ئورۇندۇقنى ياكى باشقا قاتتىق جىسىمنى تۇتۇپ قوپالايدۇ. تاماق يىيىشنى، ئۇخلاشنى خالىمىغانلىقىنى تولۇق ئىپادە قىلالايدۇ. ئاڭلاش ۋە چۈشىنىش قابىلىيىتى خېلى ياخشى تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. ئەمما سۆزلەشكە يەنە بىراز بالدۇر. قولىنى كىچىك تۆشۈكلەرگە كىرگۈزەلەيدۇ، قەغەز يىرتىيالايدۇ، سۇلارغا ئۇرۇپ ئوينىيالايدۇ. كۆرۈش قۇۋۋىتى خېلى ياخشى تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. ئەتراپنى خېلىلا ئېنىق كۆرۈپ ئۆمىلەپ ماڭغاندا بىرەر نەرسە ئالدىغا كەلگەندە ئايلىنالايدۇ، يىراقتىكى توپ، سۈت پوتۇلكا، مىۋىلەرنى كۆرگەندە ئۆمىلەپ قېشىغا بېرىپ قولىغا ئالالايدۇ. بۇ ئايدا بوۋاقلارنىڭ قورقۇش تۇيغۇسى شەكىللىنىشكە باشلايدۇ، ئالدىنقى ئايلاردا بەزى جىسىملارغا بۇ ئايدىن باشلاپ خەۋپلىك ھىس قىلسا قورقۇش ئىنكاسىنى بېرىشكە يەنى ئايلىنىپ ئۆتۈش ياكى يىغلاش بېشىنى بۇراش ھەرىكەتلىرىنى قىلىشى مۇمكىن.

 

11 ئايلىق بوۋاققا ۋە ئاتا ئانىغا تەۋسىيەلىرىمىز:

  1. بۇ ئايدا ۋاكسىنىسى بولماسلىقى مۇمكىن، شۇنداق بولسىمۇ باش ئايلانمىسى، ئېغىرلىقى، بوي ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچەپ خاتىرە قالدۇرۇڭ. بۇنى ھەر ئايدا تەكىتلەپ كېلىشكە تىرىشتىم.
  2. بەزى 11 ئايلىق بوۋاقلار ئاستا ئاستا تامنى، ئورۇندۇقلارنى ياكى قولىڭىزنى تۇتۇپ ئىغاڭلاپ ماڭالىشى مۇمكىن، شۇڭا بوۋاقنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىڭ، ئۆيدە پۇتقا پۇتلىشىدىغان نەرسىلەرنى يۇغۇشتۇرۇپ تۇرۇڭ.
  3. تامدىكى، ياكى يەردىكى توك سىملىرىنى يىغىشتۇرۇپ تۇرۇڭ، توك سىمى چاتىدىغان يەرلەرنى بوۋاقنىڭ قولى يەتمەيدىغان يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇڭ، ياكى ئارتۇقچە ئىشلەتمەيدىغان تۆشۈكىنى ۋاقىتلىق ئېتىۋېتىپ تۇرۇڭ.
  4. ئۆينىڭ ئىچىدە بوۋاقلارغا خەتەر يەتكۈزۈپ قويىدىغان بويۇملارنى بوۋاقنىڭ قولى يەتمەيدىغان يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇڭ. بوۋاقنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۆي ئىچى مۇھىتنى دائىم كۆزدىن كەچۈرۈپ تۇرۇڭ.
  5. بوۋاقنىڭ سۈت، سۇ، ئوزۇقلۇقلىرىنىڭ تولۇق ۋاقتىدا بولۇشىغا كاپالەتلىك بېرىڭ. ۋىتامىنلىرىنى داۋاملىق تولۇقلاپ تۇرۇڭ.
  6. بوۋاقنىڭ بېشىنىڭ ئالدىدىكى ئۈچ بۇلۇڭلۇق ئوچۇقلۇق بۇ ئاي ۋە 12 ئايغىچە ئېتىلىپ بولۇشى كېرەك. ئەگەر بوۋاق بېشىنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا ھېلىھەم بىر يۇمشاق بوشلۇق باردەك ھىس قىلسىڭىز، ئائىلە دوختۇرىڭىز ۋەيا بالىلار دوختۇرى بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىڭ.
  7. بۇ ئايلاردا بوۋاقلار ئاپىسىنىڭ دىگەن گەپلىرىنىڭ خېلى بىر قىسمىنى كۆڭۈلدىن چۈشىنىدۇ، ئاپىسىنىڭ گەپ قىلىشىغا ھېرىسمەن بولىدۇ. شۇڭا دائىم كۆزىگە تىكىلىپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇڭ گەپ قىلىپ بېرىڭ، كۈلدۈرۈپ تۇرۇڭ.
  8. بوۋاقنى بەك ئىگىزگە ئېتىپ ئويناتماڭ. يا تورۇسقا تىگىپ كېتىشى ، ياكى قولىڭىزدىن بىلىپ بىلمەي تىيىلىپ چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن. ئاللاھ ساقلىسۇن.
  9. 5-10 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ ئالدىنقى ئايلاردا تىلغا ئېلىنغان تەۋسىيەلىرىمىزنى چوقۇم كۆرۈپ چىقىڭ. ئالدىنقى ئايلاردىمۇ ناھايىتى كۆپ پايدىلىق تەۋسىيىلەرنى ھەمبەھىرلەندۇق. تەڭدىن تولىسى بۇ ئايغىمۇ ماس كېلىدۇ.

 

قانىلىمىزدا 12 ئاي ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ بولغان بوۋاق بالىلارنىڭ ھەرقايسى ياش دەۋرىدە بەدەندە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى ۋە تەۋسىيەلەرنى قىسقا، ئىخچام، مېغىزلىق قىلىپ رەتلەپ چىقتۇق. ئەگەر يۇقىرىدا دېيىلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ يېرىمىغا يېقىنى كۆرۈلمىسە ياكى بىنورماللىق كۆرۈلسە، ئائىلە دوختۇرىڭىز ۋەيا بالىلار دوختۇرى بىلەن ۋاقتىدا كۆرۈشۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇنىڭدىن سىرت دوختۇرلار تور بېكىتىمىزدىنمۇ ئانا يېزىقىمىز ئۇيغۇر تىلىدا تەييارلانغان بوۋاق بالىلارنىڭ بەدەن يېتىلىشى جەدۋىلى ۋە باشقا ياخشى پايدىلىق مەزمۇنلارنى تاپالايسىز. جىددىيلەشمەڭ، سىز چوقۇم ياخشى ئاتا ئانا بولالايسىز. بوۋىقىڭىزنىڭ سالامەت چوڭ بولۇشىغا تىلەكداشمەن. بۇ فىلىمنى پايدىلىق ھېس قىلسىڭىز، قانىلىمىزغا مۇشتەرى بولۇڭ ھەم قانىلىمىزنى ئەتراپىڭىزدىكى دوستلارغا تارقىتىپ قويۇڭ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-06-18

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-06-18 / 03:04:56

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ