ستافىلوككوك دەپ ئاتىلىدىغان باكتېرىيە يۇقۇملىنىش نەتىجىسىدە چاچ، تۈك، موي يىلتىزىنىڭ ياللۇغلىنىشى نەتىجىسىدە پەيدا بولىدىغان بىر خىل تېرە كېسەللىكى ھىساپلىنىدۇ. ياللۇغىلىنىش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان يىرىڭ سىرتقا چىقالماي، قالغاندا يوغان ئىششىپ قالىدۇ. ئاساسلىقى ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان ئورۇنلاردا كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن قولتۇقتا، چاچ ئارىسىدا، كاسسا ئاستىدا… قاتارلىق ئورۇنلار.