ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقبوۋاقلار تۇخۇم يىگەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تۆت ئىش

بوۋاقلار تۇخۇم يىگەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تۆت ئىش

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بىرىنجىسى، تۇخۇمنى ئاساسلىق يېمەكلىك ئورنىغا قويماسلىق، بەزى ئاپىلار بالىسىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن، ھەر كۈنى دېگۈدەك بالىغا تۇخۇم يېگۈزىدۇ، نەتىجىدە بالىدا ھەزىم ناچارلىشىش خاراكتېرلىك ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بالىلارنىڭ ئاشقازان ئۈچەي يولىنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن، ھەرخىل ھەزىم قىلىش ئېنزىمىنىڭ ئاجرىلىشى ئاز، كۆپ مىقداردا تۇخۇم يىيىش بالىنىڭ ئاشقازان ئۈچىيىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋىتىدۇ.

بوۋاقلار تۇخۇم يىگەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تۆت ئىش

ئىككىنجى، يېرىم ياشتىن بۇرۇنقى بالىلارغا تۇخۇم ئېقى پايدىسىز، تۇخۇم سېرىقىنى بالا 6 ئايلىقتىن ئاشقاندىن كېيىن بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەپ بولغاندىن كېيىن بالىنىڭ تېرىسىدە تېرە ئەسۋىسى، ئۇرتىكارىيە، قۇسۇش قاتارلىق زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى يۈز بىرەمدۇ-يوق، كۆزىتىش كېرەك، چۈنكى بالىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز، يېڭى يېمەكلىككە نىسبەتەن زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى يۈز بېرىشى مۇمكىن، ئاقسىلنى بالا بىر ياشتىن ئاشقاندا بېرىش كېرەك، چۈنكى بالا ئاقسىل يېسە ئاسانلا زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى كۆرۈلىدۇ.

ئۈچىنجى، بالىغا پىشمىغان تۇخۇمنى يېگۈزمەسلىك كېرەك، چېقىلمىغان تۇخۇممۇ ئاسانلا باكتېرىيەدىن بۇلغىنىشقا ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، تۇخۇمنى 3 مىنۇت قاينىتىش،7 مىنۇت پىشۇرۇش كېرەك. بولمىسا، ئاسانلا باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چۈنكى خام تۇخۇمنىڭ قۇرۇلمىسى زىچ، تەركىبىدە ھەزىم يولىغا قارشى ئاقسىل كىسلاتالىق ماددا بار بولۇپ، ئاقسىلنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تەسلەشتۈرىدۇ، تۇخۇم تۈرىدىكىلەر پىشىپ بولغاندىن كېيىن ئاقسىل قۇرۇلمىسى بوشايدۇ، ھەزىم يولىغا قارشى ئاقسىلكىسلاتالىق ماددىسى بۇزۇلىدۇ، ئاسانلا ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىدۇ.

تۆتىنجى، قىززىۋاتقان بالىغا تۇخۇم بەرمەسلىك. ئادەم ئاقسىل يېگەندىن كېيىن زاپاس ئېنىرگىيە ھاسىل بولىدۇ، قىززىۋاتقان بالىنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-07-16

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-07-16 / 08:53:59

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ