بالىلارنىڭ سەمىرىپ كېتىشنى كونتىرول قىلىش ھەم ئالدىنى ئېلىش ئادەتتە 6 ياشتىن باشلىسا بىر قەدەر مۇۋاپىق بولىدۇ مۇتەخخەسىسلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدە ئەگەر بويىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى تەڭپۇڭلۇقنى يوقاتسا، بالىلارنىڭ بەدىنىدە كېسەللىك پەيدا بولۇش ئىھتىماللىقى، ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدىغان ئەھۋاللار بولىدىكەن.
سېىمىزلىكنىڭ 2 خىل تۈرى بولۇپ ، بىرسى بوي ئېگىزلىكى نورمال ، لېكىن بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ، بۇ ھەقىقى سېمىزلىككە كىرىدۇ ، بۇنى كونتىرول قىلىش لازىم .
يەنە بىرسى بويى پاكار ، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىش ، بۇ ئىككىسى تەڭپۇڭلۇقنى يوقاتقاندا كۆرۈلگەن سېمىزلىك بولسا ئۆسۈپ يىتىلىش كىچىكىش خاراكتىرلىك سېمىزلىك دەپ ئاتىلىدۇ . بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بەدەن ئېغىرلىقىنى كونتىرول قىلىشقا ئېسىلىۋالماستىن ، بەلكى بوينىڭ ئۆسۈشى بىلەن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشىنىڭ تەڭپۇڭلىشىپ مېڭىشىغا ئەھمىەت بېرىش لازىم .
سېمىز بالىلارغا نىسبەتەن ، توغرا بولغان غىزالىنىش ئادىتى بەك مۇھىم . ئۇلارغا مۇناسىپ كەلگەن ، نورمىلىق مىقداردا تائاملارنى بېرىش ، توغرا- پاكىز بولغان غىزالىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىش لازىم . بۇنىڭ بىلەن بىرگە كۈندە مەلۇم مىقداردا تەنھەرىكەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم .