[sg_popup id=867]
بەدەنگە كىرگەن ئوزۇقلۇق مىقدارى سەرپىيات مىقدارىدىن ئۇزۇن مەزگىل ئېشىپ،بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەملىك ئېغىرلىقتىن %20 ئېشىپ كەتسە، سېمىزلىك كېسىلى دېيىلىدۇ ئادەتتە 40-45ياشتىكى ئەرلەر ۋە ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.
يېنىك دەرىجىدىكى سېمىزلىكنىڭ جىنىسىي تۇرمۇشقا تەسىرى بولمايدۇ،ئوتتۇرا ۋە ئېغىر دەرىجىلىك سېمىزلىكتە جىنىسىي ھەۋەس تۆۋەنلەيدۇ ياكى جىنىسىي ئىقتىدار نورمالسىزلىشىدۇ.ئەمگەك قىلغاندا يۈرىكى سالىدۇ،كۆپ تەرلەيدۇ،نەپەس سىقىلىدۇ،ئاسان چارچايدۇ،تۇرمۇشنىمۇ ئۆزى قامدىيالماي قالىدۇ.
بەزى سېمىزئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئەركىن ئاتىلىق ھورمون سەۋىيىسى ئېشىپ،تۈك كۆپىيىش،ھەيز مىقدارى ئازىيىش، ھەيز تۇتۇلۇش ھەتتا جىنىسىي تۇرمۇشتىن بىزار بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. سېمىز ئەرلەرنىڭ بەزىلىرىدە قاندىكى تېستوستېرون سەۋىيىسى تۆۋەنلەپ،ئانىلىق ھورمون سەۋىيىسى ئېشىپ، جىنىسىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ.زىيادە سېمىزلەردە ھەرىكەت قولايسىز بولغاچقا،بەدەن ئېغىرلىقى تۈپەيلىدىن سۆڭەك ئۆسۈش خارەكتېرلىك بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاچقا، جىنىسىي مۇناسىۋەتتە بەدەن تۇرقى تۈپەيلىدىن قىينىلىدۇ.بىرنەچچە قېتىملىق جىنىسىي مۇناسىۋەت مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن،جىنىسىي مۇناسىۋەتكە سوغوق مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
سېمىزلەرگە قارىتا ئېيتقاندا،سەمىرىشنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى يەيدىغىنى كۆپ،ھەرىكىتى ئازلىقتۇر.شۇڭا بويىڭىز ۋە بەدەن ئېغىرلىقىڭىزغا ئاساسەن كۈندىلىك ئاساسىي يېمەكلىكنىg 300-400 ئەتراپىدا تىزگىنلەپ،تاتلىق تۈرۈملەردىن پەرھىز قىلىشىڭىز كېرەك.شۇنداقلا ھەرىكەت مىقدارىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇش،مەسىلەن:ئارغامچىدىن ئاتلاش،سۇ ئۈزۈش،يۈگرەش،كۆپرەك يول مېڭىش،پەلەمپەيدىن چىقىش ئارقىلىق ئىسسىقلىق سەرپىياتىنى كۆپەيتىپ،ياغلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشنى ئازايتىپ،بەدەن ئېغىرلىقىنى كۆڭۈلدىكى سەۋىيىگە چۈشۈرگىلى بولىدۇ.