توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
قانلىق تەرەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئون چوڭ كېسەللىك
1. بوۋاسىر ياكى مەقئەت يېرىلىش، مەقئەت ئاقمىسى: قان رەڭگى ئادەتتە توق قىزىل بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ تەرەت بىلەن ئارىلاشمايدۇ، شىلىمشىق سۇيۇقلۇقمۇ بولمايدۇ، چوڭ تەرەتتىن كېيىن قان تامچىلايدۇ، بولۇپمۇ چوڭ تەرەت قاتتىق كەلگەندە تېخىمۇ ئاسان پەيدا بولىدۇ.
2. باكتېرىيىلىك تولغاق: چوڭ تەرەت ئادەتتە يىرىڭلىق قان شەكلىدە بولىدۇ، ھەر قېتىملىق مىقدارى كۆپ بولمايدۇ، دائىم ئىنجىق تۇتقاندەك سېزىم بولىدۇ، سوزۇلما خاراكتېرلىك بولسا ئارىلاپ قوزغىلىدىغان شىلىمشىق سۇيۇقلۇق، يىرىڭ-قانلىق چوڭ تەرەت كېلىدۇ.
3. ئاميوبالىق تولغاق: چوڭ تەرەت كۆپىنچە مېۋە مۇرابباسىغا ئوخشاش ياكى تۇتۇق قىزىل رەڭدە بولىدۇ، مىقدارى كۆپرەك بولىدۇ، دائىم يىرىڭلىق شىلىمشىق سۇيۇقلۇق قوشۇلۇپ كېلىدۇ، بىماردا كۆپىنچە قىزىش، قورساق كۆپۈش، قورساق ئاغرىش ۋە قۇرۇق ئىنجىق تۇتۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
4. قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلى: يۇقۇملۇق سۇ بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى بولىدۇ، ئادەتتە سوزۇلما خاراكتېرلىك ئىچى سۈرۈش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ، چوڭ تەرەت يىرىڭلىق قان ياكى چوڭ تەرەت قان ئارىلاش كېلىدۇ.
5. يارىلىق بوغماق ئۈچەي ياللۇغى: قوزغىلىش مەزگىلىدە قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، دائىم قۇرۇق ئىنجىق ئەگىشىپ كېلىدۇ. چوڭ تەرەت ئادەتتە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق، يىرىڭ، قان شەكلىدە كېلىدۇ، ئېغىر بولغاندا قان-سۇدەك كېلىدۇ.
6. ئۈچەي ئالمىشىپ قېلىش: ئادەتتە چوڭ تەرەتتىن شىلىمشىق قان ئارىلاش كېلىدۇ، چوڭ تەرەت كەلمەيدۇ.
7. تۈز ئۈچەي راكى: سوزۇلما خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈش ياكى تەكرار قوزغىلىدىغان شىلىمشىق سۇيۇقلۇق، يىرىڭ، قانلىق تەرەت، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىنجىق، ئادەتتىكى ياللۇغقا قارشى داۋالاش ئۈنۈم بەرمىسە، تۈز ئۈچەي راكى بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىش كېرەك.
8. بوغماق ئۈچەي راكى: چوڭ تەرەت ئىنچىكىلەپ، چوڭ تەرەتكە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق، يىرىڭ، قان ئارىلاش كەلسە بوغماق ئۈچەي راكى بولۇش ئېھتىماللىقىدىن گۇمانلىنىش كېرەك، ئاز ساندىكى بىمارلاردا پەقەت مۇقىم خاراكتېرلىك قورساق ئاغرىش كۆرۈلىدۇ.
9. تۈز ئۈچەي، بوغماق ئۈچەي مونچاق گۆشى: تۈز ئۈچەي، Sسىمان بوغماق ئۈچەي ياكى تۆۋەنكى بوغماق ئۈچەيدە مونچاق گۆش پەيدا بولغاندا، چوڭ تەرەتنىڭ سىرتىدا يېڭى قان بولۇش، قان بىلەن چوڭ تەرەت ئارىلاشماسلىقتەك ئالاھىدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.
10. ئاشقازان راكى، ئاشقازان ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى، ئۆتكۈر شەلۋەرەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىقلاردا چوڭ تەرەتنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسمى كۆپىنچە مايسىمان كېلىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17852278.shtml