تورداشدىن سوئال
ياخشىمۇسىز دوختۇر، مەن ئىستانبۇلدا تۇرىمەن. مەھەللە ساغلىق ئوجاغىغا بېرىپ تىزىملاتسام قايسى تەكشۈرۈش داۋالاشلارنى ياكى قايسى خىزمەتلەردىن بەھرىمەن بولالايمەن؟ بۇ توغرىلىق مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز.
نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ
ياخشىمۇسىز. تۈركىيە ساقلىقنى ساقلاش مەركەزلىرى يەنى ساغلىق ئوچىغىدا تۆۋەندىكى خىزمەتلەردىن بەھرىمەن ئالغىلى بولىدۇ. ھەم ھەقسىز بولىدۇ.
1.چوڭلار ۋە بالىلارنىڭ بەدەن تەكشۈرۈش، ھەقسىز قان تەكشۈرۈش، كىچىك تەرەت تەكشۈرۈش.
2.چوڭلارغا ۋە بالىلارغا كېسەللىك ۋە ساقلىقنى ساقلاش توغرىلىق مەسىلىھەت بېرىش.
3.قان بېسىمى، قاندىكى شىكەر ماددىسى، بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەش ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش قىلىش.
4.ئىلگىرى قىلدۇرغان تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە مەسلىھەت بېرىش، كېسەل تارىخىنى رەتلەش.
5.يۇقىرى قان بېسىمى، قەنت سىيىش كېسىلى (دىئابېت، شىكەر كېسىلى)، قالقانسىمان بەز كېسىلى، نەپەسلىنىش يولى ئۆپكە كېسەللىكلىرى(زىققە، ئاڭگىنا، كانايچە، ئۆپكە، شاخچە كېسەللىكلىرى)، بۆرەك تېشى، سۈيدۈك يولى ياللۇغى بۆرەك ياللۇغى، ئاشقازان، ئۈچەي، جىگەر، ئۆت كېسەللىكلىرى، ۋىتامىن كەمچىللىك، قان ئازلىق، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر …ۋە باشقا كۆپ كۆرۈلىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە دەسلەپكى دىئاگنوز قويۇش، دورىلىرىنى تەڭشەش، مەسلىھەت بېرىش.
6.كېسەللىكلەرگە كېرەكلىك بولغان ئىچىدىغان دورا، كاسسا ئوكۇلى، ئاسما ئوكۇلى، ۋە باشقا تۈردىكى دورىلارنى يېزىش (رېچېتې).
7.ھامىلدار 10 ئاي جەريانىدا كۈزىتىپ مەسىلھەت بېرىش، كېرەكلىك قانلار تەكشۈرۈش، ھامىلدارغا كېرەكلىك بولغان دورا، ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، ۋىتامىنلارنى تەۋسىيە قىلىش، ۋاكسىنا تەۋسىيەلىرىنى بېرىش، قورساقتىكى تۆرەلمە بوۋاق يۈرەك سوقۇشىنى كۈزىتىش (كېرەك بولغاندا ئايال سىستېرا ياردەمدە بولىدۇ.)
8.يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تاپىنىدىن قان ئېلىپ تەكشۈرۈش.
9.بوۋاقلار، بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىشى، بويى، ئېغىرلىقىنى كۈزىتىش، ئارخىپ تۇرغۇزۇش.
10.بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ئايلىق ۋە يىللىق ۋاكسىنىلىرىنى ئەملىتىش، تەۋسىيە بېرىش.
11.تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش ۋە مۇناسىۋەتلىك ساغلاملىق راپورى ئېلىش.
12. بىمارنىڭ بەدىنىدىكى كېسەللىكلەرنى دىئاگنوز قويۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان بۆلۈم، دوختۇرخانىلارنى تەۋسىيە قىلىش
13. باشقىلار…
تۆۋەندىكى ۋىدىئودىن تېخىمۇ تولۇق مەزمونلارنى كۆرەلەيسىز: