تورداشدىن سوئال

ياخشىمۇسىز دوختۇر، ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرۇم ماڭا FSH, LH قان تەكشۈرۈش روللىرىنى قىلدۇرۇپ كېلىشىمنى تاپىلىغان ئىدى. بۇلارنى ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە (ساغلىق ئوجاغى) قىلغىلى بولامدۇ؟ يەنە قايسى قان تەكشۈرۈشلەرنى قىلغىلى بولىدۇ؟

نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ
ياخشىمۇسىز.
ياخشىمۇسىز دوختۇر، ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرۇم ماڭا FSH, LH قان تەكشۈرۈش روللىرىنى قىلدۇرۇپ كېلىشىمنى تاپىلىغان ئىدى. بۇلارنى ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە (ساغلىق ئوجاغى) قىلغىلى بولامدۇ؟ يەنە قايسى قان تەكشۈرۈشلەرنى قىلغىلى بولىدۇ؟
ياخشىمۇسىز. تۈركىيە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە FSH, LH قان تەكشۈرۈشلىرىنى قىلغىلى بولمايدۇ. ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە ھازىر (2022-يىلى) قىلغىلى بولىدىغان قان تەكشۈرۈشلەر تۆۋەندىكىچە:
ئاچ قورساق قان شىكىرى، 3 ئايلىق قان شىكىرى ئەھۋالى
aç karın şeker, 3 aylık şeker
قان گۇرۇپپىسى
kan grubu
خېموگرام (قىزىل قان، ئاق قان دانچىلىرى، قان پلاستىنكىلىرى، قانسىزلىق ۋە باشقىلار)
hemogram , kansızlık
بىئوخېمىيە قان تەكشۈرۈشى (جىگەر، ئۆت، ئاشقازان ئاستى بېزى، بۆرەك، ۋە باشقىلارنىڭ روللىرى)
biyokimya (karaciğer, safra, pankreas, böbrek fonksiyonları)
يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر (ئەيدىز، جىنسىي يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى، يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغلىرى)
HIV, HBV, HCV, VDRL…
قاندا ياللۇغ ئەھۋالى، رېماتىزما شۈبھىسى،
CRP, ASO
ھامىلدارلىق
Beta-hcg
قاندىكى تۆمۈر ماددىسى ئەھۋالى، كالتسىي، ناترىي، كالىي، ماگنىي، فوسفور، خلور…ماددىلىرىنىڭ ئەھۋالى.
Demir, Ca, K, Na, P, Cl, Mg….
قاندىكى ماي (خولىستېرول ۋە باشقىلار) نىڭ ئەھۋالى
kolesterol, LDL, HDL,…
قالقانسىمان بەز رولى
TSH, T4
مەزى بېزى ئۆسمىسى (راكى) شۈبھىسى
PSA
مۇسكۇللارنىڭ ئېرىش ئەھۋالى
..
FSH, LH قان تەكشۈرۈشلىرى ئاياللىق ھورمونلىرىغا ھېساپ بولىدۇ. شۇڭا بۇنى ئاساسلىقى ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرىدۇ.
سالامەت بولۇڭ.