11 ياشلىق قىز، ئىلگىرى زىيادە سېزىمچانلىق زىققە كېسىلى بار بولۇپ، ئارىلاپ ئارىلاپ بۇسلاش ماشىنىسى ئىشلىتىدىكەن. مەزكۈر بىماردا 10 كۈننىڭ ياقى يۆتەل بەلغەم ۋە قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن. 7 كۈننىڭ ياقى ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى (ئانتىبىيوتىك) ئىشلەتكەن بولسىمۇ، ئالامەتلەردە ئازىيىش كۆرۈلمىگەن ۋە بۇ سەۋەبلىك جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە كەلگەن.
بىمارنىڭ ئوكسىگىن تويۇنۇشچانلىقى SPO2 93 ، نەپەس ئاۋازى ناچار. بىمارنىڭ قان تەكشۈرۈشىدە ئاق قان دانچىسى 21 مىڭ، CRP 140 بولۇپ، بىمارنى يېقىندىن كۈزىتىش ۋە داۋالاش ئۈچۈن بالىلار بۆلۈمى بالنىستىمىزدا ياتقۇزۇپ داۋالاشنى قارار بەردۇق.
تۆۋەندە بىمارنىڭ ئۆپكە رېنتىگېن رەسىمى، رەسىمدە يۈرەكنىڭ ئىككى تەرەپتىكى ئۆپكە قىسمىدا ياللۇغلىنىش ۋە ئوڭ (R ھەرىپى بولغان تەرەپ ئوڭ تەرەپ بولىدۇ.) ئۆپكىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاستى قىسمىدا سىزىق شەكىلدە ياللۇغ كۆرۈنۈشلىرى بار. (ساغلام ئۆپكە رېنتىگىنى كۆپىنچە ئەھۋاللاردا قارا كۆرۈنىدۇ، ياللۇغ بولسا رېنتىگېندە قارا بولۇشقا تىگىشلىك يەرلەردە ئاق ، ئاقۇش رەڭلەر كۆرۈنىدۇ.)
ئالدىنقى قىش ۋە ئەتىياز باشلىنىشىدا ئىنتايىن كۆپ ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى بالىلارنى داۋالاش ئېلىپ باردۇق. كۆپىنچە بىمار بالىلارنىڭ بالىنىستتا يېتىش مۇددىتى 6-8 كۈن ئەتراپىدا بولدى. كۆپىنچە بىمارغا ئىككى تۈرلۈك ئانتىبىيوتىك ۋە سۈمۈرۈش دورىلىرى بېرىلدى. بىمارلارنىڭ تەڭدىن تولىسىدا داۋالاشنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا بەدەن ئەھۋالى ياخشىلاندى، نەپەس ئېلىش ۋە كۆكرەكتىكى ئاغرىقلىرى، بەدەن ئاغرىقلىرى ئازالدى. قاندىكى ياللۇغ قىممەتلىرى مەنپىي بولدى. ئۆپكە رېنتىگېنىدىكى كېسەللىك كۆرۈنۈشلىرىدە كۆرۈنەرلىك ئازىيىش بولدى.