ئانا سەھىپەمەخسۇس سەھىپىلەردىئابېتدىئابېت كېسىلىگە شىپالىق مېۋە ۋە كۆكتاتلار

دىئابېت كېسىلىگە شىپالىق مېۋە ۋە كۆكتاتلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرىلىشىگە ئەگىشىپ ، دىئابىت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار كۈندىن-كۈنگە كۆپەيمەكتە. تۆۋەندە بۇ خىل كېسەللىككە شىپا بولىدىغان مېۋە -چىۋە ۋە كۆكتاتلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز .

0. كاۋا. كاۋىنى كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەندە قەنت سېيىش كېسىلى، يۇقۇرى قان بېسىمغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئىششىق قايتۇرىدۇ.

1.ياڭاق . ياڭاق بۆرەك ،ئۆپكىنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ ،ئۈچەينى سىلىقلايدۇ .ياڭاق يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ شىرنە چىقارغاندىن كېيىن داۋاملىق ئىچىپ بەرسە ،قاندىكى قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ .بۇ تولىراق ياشانغان بىمارلارغا ماس كېلىدۇ .

2.چاي يوپۇرمىغى .بۇنىڭ تەركىبىدىكى كۆپ قەنتلىك ماددا قان تەركىبىدىكى قەنتنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ .يېشىل چاي ،قارا چاي قاتارلىقلاردا كۆپ قەنتلىك ماددىلار نىسبەتەن كۆپ.

3.چۈچۈكبۇيا .چۈچۈكبۇيا يىلىتىزىدا بىر خىل ئېنزىم بولۇپ ،بۇ دىئابىتلىق نېرۋا كېسەللىكلىرىگە ياخشى شىپا بولىدۇ .

4.پۇراقلىق بىدە ياكى پۇراقلىق پۇرچاق .دىئابىت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار ﮬەر كۈنى100-25گرام پۇراقلىق پۇرچاق ئۇرۇقىنى يەپ بەرگەندە ،قاندىكى قەنتنى ۋە خولېستېرولنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ .

5.موگو .بۇنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى ۋە ۋېتامىنلار بولۇپ ،ئورۇقلاپ كەتكەن دىئابىت بىمارلىرىغا ماس كېلىدۇ .

6.سەۋزە .سەۋزىنىڭ تەركىبىدە نۇرغۇن پايدىلىق تەركىبلەر بولۇپ ،قاندىكى قەنتنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىدۇ .

7.سامساق .ئالىملانىڭ تەتقىقاتىدىن قارىغاندا ،دائىم سامساق يەپ بەرگەندە دىئابىت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن .چۈنكى سامساق تەركىبىدە گۇڭگۇرلۇق ئامىنو كىسلاتاسى بولۇپ ،ئۇ ئىنسۇلىننىڭ ئىشلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن ،بۇ ئارقىلىق قاندىكى قەنت قۇيۇقلۇقى تۆۋەنلەيدىكەن .

8.دادۇر .بۇنىڭ تەركىبىدە پۇرچاق ئاقسىلى ،تالالىق ماددا ۋە كۆپ قەنتلىك ماددا بولۇپ ،بۇلار ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ﮬەرىكىتىگە پايدىلىق رول ئويناپ ،ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تېزلىتىدۇ .

9.تەرخەمەك .تەرخەمەك دىئابىت بىمارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېمەكلىكى ،ئۇنىڭ تەركىبىدە مول بولغان ۋېتامىن ۋە كېسلاتالىق ماددىلار قاندىكى قەنتنى تۆۋەنلىتىدۇ .ساق كىشىلەر ئىستېمال قىلىپ بەرگەندىمۇ دىئابىت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ .

10.غول پىياز .غول پىياز تەركىبىدىكى دى.گۇڭگۇرتلۇق ماددىلار قان شىرنىسى تەركىبىىدىكى ئىنسۇلىننىڭ قۇيۇقلىغىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ ،قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىغىنى ئاشۇرۇپ ،دىئابىت بىمارلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ﮬۇشىدىن كېتىپ قېلىشىنىڭ ۋە ئارتېرىيە قېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

11.كاۋا.كاۋا تۆۋەن قەنتلىك ۋە تۆۋەن ئېنىرگىيىلىك يېمەكلىك بولۇپ ،قاندىكى قەنتنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتەلەيدۇ ﮬەمدە دىئابىتنىڭ ۋە يۇقۇرى قان بېسىمىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

12.ئاپلىسىن ۋە ئەبنۇس .بۇر تۈردىكى مېۋىلەرنىڭ دىئابىت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار .

13.پالەك .دىئابىت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار 120-60گىرامغىچە بولغان پالەكنى توخۇ تاشلىقى بىلەن بىرگە قاينىتىپ ،ﮬەر كۈنى 2-3 قېتىم ئېچىپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ .

14.پىچەكگۈل .بىر خىل كۆكتات بولۇپ ،ﮬازىر بازارلىرىمىزدا كۆپلەپ سېتىلىۋاتىدۇ .ئەسلى ئىچكىر ئۆلكىلەردە ئۆستۈرۈلەتتى .ﮬازىر جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئۆستۈرۈلىۋاتىدۇ .بۇنىڭ ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ تالنى ياخشىلاش رولى بولۇپلا قالماي ،يەنە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كىراخمال ئېنزىمى گلۇكوزىنى پارچىلاش رولىنى ئوينىيالايدۇ ،بۇ ئارقىلىق قاندىكى قەنت تەركىبى تۆۋەنلەيدۇ .

15. ئۈجمە يوپۇرمىقى: ئۈجمە يوپۇرمىقىنى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىپ بەرگەندە ئاشقازان ئاستى بېزىنى قوغداپ ، ئىنسۇلىننىڭ نۇرمال ئاجىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يەنە يۇقۇرى قان بېسىمنى ياخشىلاپ خولىستېرىن ۋە تىرىگلىتسېرىدنى ئازايتىدۇ. ئۈجمە يوپۇرمىقى چېيىنى تاماقتىن بۇرۇن ئىچىپ بەرسە تاماقتىن كىيىن قان شىكىرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى تىزگىنلەيدۇ. تاماقتىن كىيىن ئىچسە بۇ خىل رولى بولمايدۇ.يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقاتتا ئۈجمە يوپۇرمىقىدىكى ئالاھىدە تەركىب 1-DNJ پولىساكخارىدنى پارچىلاپ، گىلىكوزىدنى گلۇكوزىدازاغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق قان شىكىرىنىڭ يۇقۇرى ئۆرلىشىنى تىزگىنلەيدىكەن.

مەنبە: تور دۇنياسى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-05-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-09 / 09:09:54

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ