يۆتىلىش، ھاسىراش كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ نەپەس يولى زىيادە سېزىمچان بولىدۇ، تەسىرى كۆرۈنەرلىك بولمىغان غىدىغلىنىش ياشانغانلاردا يۆتىلىش، ھاسىراشنى پەيدا قىلىدۇ.
شۇڭا، ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ئۆيدە غىدىغلاش خاراكتېرلىق پۇراق بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
بۇنىڭدىن باشقا ئۆيدە ئامال بار زىيادە سېزىمچانلىقنى قوزغايدىغان نەرسىلەرنى ئازايتىش، گىلەم سالماسلىق، گۈل – گىياھ ئۆستۈرمەسلىك، كونا يوتقان – كۆرپىلەرنى تاشلاش، مامۇقلۇق نەرسىلەرنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ئۆينى سۈپۈرگەندە سۈپۈرگىنى نەملەپ سۈپۈرۈپ، ئۆيدە چاڭ – توزان كۆتۈرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ياشانغانلار يۆتىلىش، ھاسىراش كېسىلى بولغاندا، مايسىزراق، ئاسان ھەزىم بولدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش، تاماق يېگەندە ھەددىدىن زىيادە تويۇنىۋالماسلىق، ھەددىدىن زىيادە تاتلىق، تۇزلۇق ۋە مايلىق تائاملارنى يېمەسلىك كېرەك.