تورداشدىن سوئال

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىر ھەپتىدىن بېرى زۇكامدىن ساقىيالمايۋاتىمەن، بۈگۈندىن باشلاپ بەلغەممۇ كەلدى، بەلغەمدە ئازراق قىزىللىقمۇ بار.
تۇرۇپلا گېلىم قىچىشىپ بىئارام بولىمەن، قايناق سۇ ياكى ئىللىق سۇ ئىچسەم ياخشىلىنىمەن. 6 يىل بۇرۇن ئۆپكە تۇبېركېليۇز بولۇپ ساقايغان، ھازىرمۇ شۇنىڭدىن گۇمان قىلىۋاتىمەن.
مەن چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشۈم كېرەكمۇ؟ ئاڭلىسام تۈركىيەدە ئائىلە ھەكىمىدە تۇبېركېليۇزنىڭ دورىسىنى ھەقسىز بېرىدىكەن، تەكشۈرتمەيلا شۇ دورىنى ئېلىپ ئىچسەم بولامدۇ؟
بۇ خىل ئەھۋالغا ئۇزۇن مۇددەت نەم (يەنى زەي، قىش ۋاقتىدا تاملىرى تەرلەيدىغان) ئۆيدە تۇرۇشنىڭمۇ تەسىرى بارمۇ؟

نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ
ياخشىمۇسىز. بەلكىم نورمال بىر زۇكام، ياكى ئۆپكىگە سوغۇق تەگكەنلىكمۇ بولۇشى مۇمكىن.
ئۆپكە تۇبىركۇليۇزىدا كۆپىنچە ئەھۋاللاردا كېچە قىززىش، بەدەن ئېغىرلىقى بىنورمال تۆۋەنلەش، توختىمىغان قىسقا قىسقا قۇرۇق ۋەيا بەلغەملىق يۆتەل قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بولىدۇ.
بولسا ئائىلە ھەكىمىگە كۆرۈنۈپ باقسىڭىزمۇ سىزدىن تەپسىلىي كېسەل ئەھۋالىنى سوراپ، بەدەن تەكشۈرۈش ۋە باشقا كېرەكلىك تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ تۇرۇپ ياردەم قىلالايدۇ.
ئەگەر ئۆپكە تۇبىركۇليۇزدىن شۈبھىلەنسىڭىز، ئەگەر تۈركىيەدە بولسىڭىز سىز تۇرۇشلۇق رايوندىكى تۇبىركۇليۇز يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن ساقلىنىش مەركىزى verem savaş dispanseri گە بارسىڭىز، شۇ يەردە تۇبىركۇليۇزغا ئالاقىدار كېرەكلىك تەكشۈرۈشلەرنى قىلىدۇ ۋە دىئاگنوز ئېنىق بولغاندا شۇ يەردىن ھەقسىز دورا بېرىدۇ.
ئائىلە ھەكىمىمۇ ياردەم قىلالايدۇ، ئەمما دورىنى مۇشۇ ۋەرەم ساۋاش دىسپانسەر دىگەن ئورۇن بېرىدۇ.