تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرى ئاشقازان ئاستى بېزى B ھۈجەيرىسىنىڭ چىدامچانلىق كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. نۇرغۇنلىغان 2-تىپلىق دىيابېت بىمارلىرىنىڭ ئاچ قورساق ۋاقىتتىكى قان شېكىرى نورمال كونترول قىلىنغان ھالەتتىمۇ تاماقتىن ئىككى سائەت كېيىنكى شېكەر ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ.
پەقەت ئاچ قورساق ۋاقىتتىكى قان شېكىرىنى ئۆلچەش دىيابېت بىمارلىرىنىڭ قان شېكىرىنىڭ كونترول قىلىنىش ئەھۋالىنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا، كىلىنىكىدا چوقۇم تاماقتىن ئىككى سائەت كېيىنكى قان شېكىرى ئۆلچىنىدۇ.