تورداشدىن سوئال
ياخشىمۇسىز دوختۇر، مېنىڭ ئىقامىتىم بار، ئەمما مەھەللە ساقلىقنى ساقلاش پونكىتىغا (ساغلىق ئوجاغىغا) ھىچ چىقىپ باقماپتىمەن. ئۇ يەردىكى ئائىلە ھەكىمىگە يەنى ئائىلە دوختۇرلارغا قانداق تىزىملىتىشىم كېرەك؟ ئۇسۇلىنى دەپ بىرەمسىز؟ مەن ئەنقەرەدە تۇرىمەن. رەھمەت. دوختۇر.
نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ
ياخشىمۇسىز. سالامەت تۇرۇپسىز.
ئەگەر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بولسىڭىز ھەم ئىقامىتىڭىز بولسا، 3 ئۇسۇلدا ئائىلە ھەكىمىگە تىزىملىتالايسىز.
- ئې نابىز E-nabız سىستېمىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، تېلىفوندا ياكى كومپىيوتېردا نەچچە مىنۇت ئىچىدە ئاسانلا ئالماشتۇرالايسىز. ئاي ئوتتۇرىدا ئالماشتۇرسىڭىز، شۇ كۈنى يېرىم كېچە 12 دە ئالمىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ. ئاي بېشى ۋە ئاخىرىدا ئالماشتۇرسىڭىز ھەر ئاينىڭ 5-كۈنىگە كەلگەندە ئالمىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ.
- سىز ئالماشتۇرماقچى بولغان يېڭى ئائىلە دوختۇرىڭىزنىڭ قېشىغا بېرىپ دىسىڭىز سىستېمدىن ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ.
- سىز تۇرۇشلۇق رايون سەھىيە ئىدارىسى ( ئىلچە ساغلىق مۈدۈرلۈگۈ ilçe sağlık müdürlüğü) گە بېرىپ ئىلتىماس تاپشۇرىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئائىلە دوختۇرىغا تىزىملىتىش ۋە ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئىناۋەتلىك ئىقامەت لازىم.
تۆۋەندىكى ۋىدىئودىن تېخىمۇ تولۇق مەزمونلارنى كۆرەلەيسىز: