سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
ياشقا چوڭىيىپ قالغان، بولۇپمۇ 60 ياشتىن كېيىنكى ياشانغانلار ھەرىكەت قىلىشى كېرەكمۇ؟ ياكى ھەرىكەت قىلماي كۈتۈنۈشى كېرەكمۇ؟
بەزىلەر: «ھاياتلىق دېگەن ھەرىكەت ئارقىلىق داۋام ئېتىدۇ، چۈنكى ھەرىكەت قىلىش بەدەننى كۈچلەندۈرۈپ، ئادەمنى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ» دەيدۇ. لېكىن يەنە بەزىلەر: «ھاياتلىق يەنە تىنچلىققا موھتاج، ياشانغانلارنىڭ بەدەن ساپاسى تۆۋەنلەپ كېتىدىغان بولغاچقا، چېنىققاندا بەدەننىڭ زەخىملىنىشى ياكى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا قېرىغاندا ئۆزىنى ئاسراپ بەدەننى چارچىتىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. ھۇزۇر ھالاۋەت ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ھېسابلىنىدۇ» دەيدۇ. بۇ ئىككى خىل قاراش قارىماققا ناھايىتى ئورۇنلۇقتەك قىلىدۇ، سىزنىڭچە زادى كىمنىڭ دېگىنى توغرا؟
ساغلام تۇرمۇش ھالىتى قانۇنىيەتلىك ھەم تەڭپۇڭ بولغان «ھەرىكەت» بىلەن «تىنچ ئارام ئېلىپ كۈتۈنۈش»نىڭ بىرىكىشىدۇر. بەزى تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ھەرىكەت قىلىش ئۇزۇن ئولتۇرۇشتىن كېلىپ چىققان يۈرەك قېرىشنىڭ ئېلىپ كەلگەن خەۋپلەردىن ساقلاش بىلەن بىرگە مەلۇم دەرىجىدە يۈرەك كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. ئۇزۇن مۇددەت ھەرىكەت قىلمىغاندا نۇرغۇن مەسىلىلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن ئىكەن، يەنە نۇرغۇن ياشانغانلار: «ياشىنىپ قالدۇق، پۇت-قولىمىزدا ماغدۇر يوق، ھەرىكەت قىلىپ يىقىلىپ چۈشسەك بەدىنىمىز زەخىملىنىشى مۇمكىن» دەپ ئويلاپ چېنىقىشنى خالىمايدۇ. لېكىن ئارام ئېلىش جىم ئولتۇرۇۋېلىش دېگەنلىك ئەمەس ئىكەن، ياشانغانلار سىجىللىقى بىر قەدەر كىچىك ھەرىكەتلەرنى، مەسىلەن سەيلە قىلىش، تېز مېڭىش قاتارلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى تاللىسا، ھەمدە ھەرىكەت ۋاقتىنىڭ بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلسا بولىدۇ.
ھەرىكەت قىلماي ئولتۇرۇشقا ماس كەلمەيدىغان ياشانغانلار
1. يۈرەك قان تومۇر كېسىلى بار ياشانغانلار
ھەرىكەت قىلىش يۈرەك ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى بولۇپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلار مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بەرسە، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
2. بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پۇلتىيىپ چىققان ياشانغانلار
بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پۇلتىيىپ چىققان ياشانغانلار ئەگەر دائىم كارىۋاتتا يېتىۋالسا پۇت ـ قولىنىڭ ماغدۇرسىزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋالدا مۇۋاپىق چېنىقىپ، بەل ئومۇرتقىسىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇسكۇللارنى كۆپرەك چېنىقتۇرۇپ، بەل ئومۇرتقىسىنى كۈچلەندۈرۈشى كېرەك.
3. سۆڭىكى سۇنغان ياشانغانلار
بىر قىسىم تىز سۆڭىكى سۇنۇپ كەتكەن بىمارلار تىز بوغۇمىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئېگىش مەشىقىنى قىلىپ بېرىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا بوغۇملارنىڭ قېتىشىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ياشانغانلار بەدەن چېنىقتۇرغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ياشانغانلار ھەرىكەت قىلغاندا چوقۇم دېمى سىقىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. نۇرغۇن ياشانغانلاردا ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى مەۋجۇت بولۇپ، دېمى سىقىلىش كۈچەيگەندە ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى يېرىلىپ كۆكرەككە ھاۋا تولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن. ھەمدە دېمى سىقىلىش يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىپ، ئاسانلا باش قېيىش، ئايلىنىپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ياشانغانلار ھەرىكەت قىلغاندا تەكشى نەپەسلىنىشنى ساقلىشى كېرەك.
ئىككىنچىدىن، ياشانغانلارنىڭ پىرقىراش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، يېشى چوڭ كىشىلەرنىڭ تەڭپۇڭلۇق ئىقتىدارى بىر قەدەر ناچار، ماسلىشىشچانلىقمۇ كۆپ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، پىرقىراش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغاندا ئاسانلا يىقىلىپ كېتىپ، زۆرۈر بولمىغان خەۋپ-خەتەرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يەنە بىر نۇقتا شۇكى، ياشانغانلار بېشىنى تۆۋەن قىلىش، تېز سۈرئەتتە كەينىگە قاراش ۋە يانغا ئېگىلىش ھەرىكەتلىرىنى قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، بۇ ھەرىكەتلەر ئاسانلا ياشانغانلارنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17863834.shtml