تورداشدىن سوئال
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دوختۇر سالامەت تۇرلىمۇ?ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مەن بىر يىل ئالدىدا يۈرەك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، تۈركىيە چاپا ئۆزەل دوختۇرخانىسىدا توموگىراف چەككەن. نەتىجىدە يۈرەكتە 5 مىللىمېتىر ئەتراپىدا تۆشۈك بار دەيدۇ،. ئەگەر ئوپراتسىيە قىلساڭ مۇتەخەسسىسلەرگە يوللايمىز دەپ دورا بەردى .
مەن كىيىنچە ئويلۇشۇپ جاۋاپ بىرەي دىدىم ، سىلىنىڭ ياخشى تەكلىپ پىكىر بولسا مۇشۇ ئاڭلىسام بەكمۇ خۇرسەن بولاتتىم 🙂🙂🙂🙂 رەھمەت
نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، 5 سانتىمىتىر ئەتراپىدا بولسا، سىز كىچىك ۋاقتىڭىزدا ئۆزلۈكىدىن يېپىلمىغان بولسا ئوپىراتسىيە لازىم. چۈنكى ئوچۇق قالغان تۆشۈكتىن قان توختىماي ئارقىغا يانىدۇ. بۇ يۈرەك يوغىناش، يۈرەك زەئىپلىشىش، كلاپان رولى بىنورماللىشىش، قان نوكچىسى پەيدا بولۇش ۋە باشقا كۈتۈلمىگەن كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
بۇ كىچىك ئوپىراتسىيە ئەمەس. شۇڭا پەقەت بىرلا دوختۇر ئەمەس، بەلكى ئوخشىمىغان دوختۇرخانىلاردىن ئەڭ ئاز دىگەندە جەمئىي 2-3 يۈرەك كېسىلى مۇتەخخەسىسى بىلەن كۆرۈشۈپ قارار ئالغان ياخشى. ئەگەر 3 دوختۇردىن 2 كىسى تەكشۈرۈپ يۈرەكتىكى تۆشۈكنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى بېكىتىپ، ئوپىراتسىيە لازىم دىسە، ئوپىراتسىيەنى قىلدۇرشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن.