تورداشدىن سوئال

ياخشىمۇسىز دوختۇر، مېنىڭ ئىككى بالام بار، بىرسى 6 ياش بالامدا سۇ چېچىكى ئالامەتلىرى كۆرۈلدى، يەنە بىرى 5 ئايلىق بوۋاقتا ئالامەت يوق، قانداق قىلىشىم كېرەك؟

نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ
ياخشىمۇسىز.
6 ياشلىق بالا بىلەن 5 ئايلىق بوۋاقنى ئايرىم ئىككى ئۆيدە بېقىش كېرەك. سۇ چېچىكى ئاسان يۇقىدىغان كېسەللىك. بوۋاق بىر ياشتىن كىچىك بولسا، يۇقىرى ئىھتىماللىقتا تېخى ۋاكسىنا ئەملىتىلمىدى. شۇڭا بوۋاققا يۇقۇش ئىھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. بىر ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلاردا ئەگەر ھازىرچە ئالامەتلەر كۆرۈلمىگەن بولسا، سۇ چېچىكى بىمارى بىلەن ئايرىم ئۆيدە بېقىش، ئەگەر بوۋاقنىڭ قىززىتمىسى 37.8 دىن يۇقىرى چىقىشقا باشلىسا، ۋەيا بوۋاقنىڭ تېرىسىدە يەنە بىر 6 ياشلىق بالىغا ئوخشاش سۇ چېچىكى ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلىسا ئائىلە دوختۇرىڭىز ۋەيا ئەڭ يېقىن بالىلار بۆلۈمىگە ئېلىپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
تۆۋەندىكى ئادرىستا سۇ چېچىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار تەمىنلەندى.
سۇ چېچىكى ھەققىدە
سالامەت بولۇڭ.