ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىHIV ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنى قانداق بۇزىدۇ؟

HIV ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنى قانداق بۇزىدۇ؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

HIVدىگىنىمىز human immunodeficiency virus يەنى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىمونىت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلەتكۈچى ۋىرۇس نىڭ قىسقارتىلمىسى

بەدىنىمىزنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنى بەدىنىمىزنى قوغداپ تۇرىدىغان چېگرا مۇداپىئە ئارمىيىسىگە ئوخشاتساق بولىدۇ. بۇ ئارمىيىدىكى ھەرخىل ئەسكەرلەر (ھۈجەيرىلەر) بىرلىشىپ، سىرتتىن كىرگەن تاجاۋۇزچىلارغا(ۋىرۇس، باكتېرىيە قاتارلىق مىكروبلارغا) تاقابىل تۇرىدۇ.

ئىممۇنىتېت سېستىمىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ تەركىبى قىسمى- تېرىمىزدۇر، تېرىمىز كۇندىلىك تۇرمۇشتىكى ھەرخىل چاڭ-توزاڭ، كېسەللىك باكتىرىيىلىرى ۋە ۋىرۇسلىرىنى بەدەن سىرتىدا قالدۇرۇپ، قان سېستىمىمىزغا كىرىشىنى توسىدۇ. يەنە مەسىلەن ئېيتساق، ئىچى سۈرۈش كۆپىنچە باكتىرىيەلەردىن بۇلغانغان يىمەكلىكلەرنى يەپ سېلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەدىنىمىزدىكى ھۈجەيرىلەر(جەڭچىلەر) بۇ خىل باكتىرىيەلەرنى يوقىتىپ،سالامەتلىكىمىزنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

HIV ئىنتايىن خەتەرلىك ۋىرۇس بولۇپ، ئەگەر تېنىمىز ئىچىگە كىرىپ كەتسە، ئىممۇنىتېت سېستىمىمىزنى تەشكىل قىلغۇچى جەڭچى ھۈجەيرىلەر ئىچىگە كىرىۋالىدۇ ۋە تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىممۇنىتېت سېستىمىمىز ھەرخىل يۇقۇملىنىشلارغا قارشى تۇرالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، تېرىدىن تارتىپ ئىنتايىن كىچىك ھۈجەيرىلەرگىچە ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا بۇنى چۈشىنىش بىر قەدەر قىيىن، ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئۈچۈن قاندىكى ئىككى نەرسە، يەنى Bھۈجەيرە ۋە T ھۈجەيرە ئىنتايىن مۇھىم. Bھۈجەيرە—ئاساسلىقى ئانتېتلا ئىشلەپچىقىرىدۇ.

ئەيدىز ۋىرۇسى بۇ ھۈجەيرىنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىقمۇ تەكشۈرۈپ چىققىلى بولمايدۇ. Tھۈجەيرە—تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بۇنىڭ ئىچىدىكىT4 (ياكىCD4) دېگەن ھۈجەيرىگىلا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئىممونت سېستىمىسى بىر مۇكەممەل سېستىما.نورمال ئادەمنىڭ تېنىدىكى بىرلىك قان سۇيۇقلۇقىدىكى CD4نىڭ سانى 800دىن 1200 گىچە بولىدۇ، ئەگەر بۇ سان 300 ياكى 350 تىن تۆۋەنلەپ كەتسە ئادەم ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئۆزىنىڭ فۇنكىسىيىسىنى نورمال جارى قىلدۇرالمايدۇ-دە، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ، بىمار ئاسانلا باشقا پۇرسەتلىك كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىدۇ ۋە شۇ كېسەللەرنىڭ ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-22

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-01 / 03:35:36

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ