تورداشدىن سوئال

ياخشىمۇسىز دوختۇر، ئوغۇل 6ياش 1يىلچە بوپقالدى دۇدۇقلاپ گەپقىلىدۇ ،قانداق قىلارمەن .5ياشقا كىرگىچە ساق ئىدى ياخشى گەپ قىلىتى .ئاساسلىق سۇئال سوراپ گەپ قىلسا دۇدۇقلايدۇ

نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ
ياخشىمۇسىز.
ياخشىمۇسىز، بالىلاردا 3-7 ياش ئارىلىقىدا بەزىدە مۇشۇنداق دۇدۇقلايدىغان ئەھۋاللار بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى تىل مۇشۇ ياش ۋاقىت ئارىلىقىدا يېتىشىدىغان ، مۇكەممەللىشىدىغان دەۋرى. دۇدۇقلاپ قېلىشنىڭ سەۋەبى كۆپرەك ئەتراپتىكى مۇھىت ، ئۆينىڭ مۇھىتى، چوڭلارنى، ئەتراپتىكىلەرنى دوراش، بىرەر ئىشلاردىن قورقۇپ كېتىش، ۋە باشقا سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن.
ھازىر 1 يىلغا يېقىن بولۇپ قاپتۇ. بۇ بىر يىل جەريانىدىكى ئەھۋاللارنى تولۇق بېلىپ بېقىش كېرەك. مەسىلەن يېڭى باشلىغاندا ھەممە گەپلەردە دۇدۇقلامدۇ، كېكەچلەمدۇ؟ بۇ بىر يىل جەريانىدا بۇ ئەھۋاللار جىقايدىمۇ؟ قانداقراق ۋاقىتتا بەكرەك كېكەچلەيدۇ؟ بالىغا گەپ قىلىدىغانغا پۇرسەت بېرىۋاتامسىلەر؟ يەسلىدە ياكى باشقا بىرەر يەرلەردە بۇ بالىنى قورقۇتىدىغان ئەھۋاللار بولدىمۇ؟…. دىگەنگە ئوخشاش خېلى كۆپ نەرسىلەرنى تەپسىلى بىلىش لازىم. بالىنىڭ بەدەن ئەھۋالىنىمۇ بىلىپ بېقىش كېرەك. مەسىلەن ئۆسۈپ يېتىلىشى قانداق، قان ئازلىق بارمۇ، ياكى باشقا ئەھۋاللىرى بارمۇ، بۇلارنىمۇ بىلىپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ.
يۇقارقى ئەھۋاللارنى تولۇق بىلىش ئۈچۈن، بالىلار ساغلاملىقى بۆلۈمى دوختۇرى بىر كۆرۈپ بېقىپ ، ئاندىن بەلكىم ئەھۋالغا قارىتا بالىلار پىسخولوگىيە بۆلۈمىگە بېرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىشى مۇمكىن.
بالىلاردا كېكەچلەش، دۇدۇقلاش ئەھۋاللىرى كۆپىنچىسىنى تەكشۈرۈپ، سەۋەبىنى تېپىپ، مۇناسىۋەتلىك داۋالاشلار بىلەن ساقايتقىلى بولىدۇ. ئەمما بەك كېيىنگە سوزىۋەتمەسلىك كېرەك.
ئەگەر تۈركىيەدە بولساڭلار ، تۆۋەندە مەن دىگەن ئاشۇ ئىككى بۆلۈمنىڭ ئىسمى :
çocuk sağlığı ve hastalıkları bölümü
çocuk piskiyatri
ئاۋۋال بىرىنجىسىگە نومۇر ئېلىپ بېرىپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
چوڭراق دوختۇرخانىلاردا بۇ بۆلۈملەر بولىدۇ.
سالامەت بولۇڭ.
كىكەچ,دۇدۇقلاش, دودۇقلاش, كېكەچلىك,كېكەچ