ئانا سەھىپەرەسىملەرX-ray, CT, MRI ۋە باشقا تەكشۈرۈشلەر11 ياشلىق قىز بىمار ئۆپكە ياللۇغى رېنتىگېن كۆرۈنۈشى

11 ياشلىق قىز بىمار ئۆپكە ياللۇغى رېنتىگېن كۆرۈنۈشى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

11 ياشلىق قىز، ئىلگىرى زىيادە سېزىمچانلىق زىققە كېسىلى بار بولۇپ، ئارىلاپ ئارىلاپ بۇسلاش ماشىنىسى ئىشلىتىدىكەن. مەزكۈر بىماردا 10 كۈننىڭ ياقى يۆتەل بەلغەم ۋە قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن. 7 كۈننىڭ ياقى ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى (ئانتىبىيوتىك) ئىشلەتكەن بولسىمۇ، ئالامەتلەردە ئازىيىش كۆرۈلمىگەن ۋە بۇ سەۋەبلىك جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە كەلگەن.

بىمارنىڭ ئوكسىگىن تويۇنۇشچانلىقى SPO2 93 ، نەپەس ئاۋازى ناچار. بىمارنىڭ قان تەكشۈرۈشىدە ئاق قان دانچىسى 21 مىڭ، CRP 140 بولۇپ، بىمارنى يېقىندىن كۈزىتىش ۋە داۋالاش ئۈچۈن بالىلار بۆلۈمى بالنىستىمىزدا ياتقۇزۇپ داۋالاشنى قارار بەردۇق.

تۆۋەندە بىمارنىڭ ئۆپكە رېنتىگېن رەسىمى، رەسىمدە يۈرەكنىڭ ئىككى تەرەپتىكى ئۆپكە قىسمىدا ياللۇغلىنىش ۋە ئوڭ  (R ھەرىپى بولغان تەرەپ ئوڭ تەرەپ بولىدۇ.) ئۆپكىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاستى قىسمىدا سىزىق شەكىلدە ياللۇغ كۆرۈنۈشلىرى بار. (ساغلام ئۆپكە رېنتىگىنى كۆپىنچە ئەھۋاللاردا قارا كۆرۈنىدۇ، ياللۇغ بولسا رېنتىگېندە قارا بولۇشقا تىگىشلىك يەرلەردە ئاق ، ئاقۇش رەڭلەر كۆرۈنىدۇ.)

11 ياشلىق قىز بىمار ئۆپكە ياللۇغى رېنتىگېن كۆرۈنۈشى

ئالدىنقى قىش ۋە ئەتىياز باشلىنىشىدا ئىنتايىن كۆپ ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى بالىلارنى داۋالاش ئېلىپ باردۇق. كۆپىنچە بىمار بالىلارنىڭ بالىنىستتا يېتىش مۇددىتى 6-8 كۈن ئەتراپىدا بولدى. كۆپىنچە بىمارغا ئىككى تۈرلۈك ئانتىبىيوتىك ۋە سۈمۈرۈش دورىلىرى بېرىلدى. بىمارلارنىڭ تەڭدىن تولىسىدا داۋالاشنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا بەدەن ئەھۋالى ياخشىلاندى، نەپەس ئېلىش ۋە كۆكرەكتىكى ئاغرىقلىرى، بەدەن ئاغرىقلىرى ئازالدى. قاندىكى ياللۇغ قىممەتلىرى مەنپىي بولدى. ئۆپكە رېنتىگېنىدىكى كېسەللىك كۆرۈنۈشلىرىدە كۆرۈنەرلىك ئازىيىش بولدى.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
4
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-03-23

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-08 / 10:36:29

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ