ئانا سۈتى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى، ئوزۇقلۇق ئەڭ مول، ئەڭ بىخەتەر، ئەڭ ئىشەنچلىك ئوزۇقلۇق مەنبەسى ھىسابلىنىدۇ.
ئەمىسە، ئانا سۈتى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىغا يىتەمدۇ؟ ئانا سۈتى بوۋاقلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئىھتىياجىدىن قانچىلىك دەرىجىسىنى قامدىيالايدۇ؟ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار پەقەت ئانا سۈتى ئىچسە يىتەمدۇ يەتمەمدۇ؟
ئۇزۇن يىللىق تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئانا سۈتى بوۋاقلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش قاندۇرالماسلىقى تۇغۇلۇش ئاي سانى ۋە يېشىغا قاراپ ئوخشىماسلىق كۆرسىتىدىكەن.
مەزكۈر ماقالىدە، سىزگە 0-6 ئايلىق بوۋاقلار، 6-12 ئايلىق بوۋاقلار، 12-24 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئىھتىياجىنى ئانا سۈتى قانچىلىك دەرىجىدە قامدىيالايدىغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
يېڭى تۇغۇلغان 0 ياشتىن 6 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئىھتىياجىدىن 100% دە 100% چىقالايدۇ. بۇ دىمەك، بۇ دەۋىردىكى بوۋاقلارغا باشقا قوشۇمچە يىمەكلىك-ئىچمەكلىك بەرمەستىن، پەقەت كۆپلەپ ئانا سۈتى ئەمدۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئىچىملىك ئاساسلىقى سۇنى كۆرسىتىدۇ. يەنى سۇ بېرىشمۇ تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. ئانا سۈتى يېتەرلىك كەلسىلا، بوۋاققا شۇنىڭ ئىچىدىكى سۇ مىقتارى يېتىدۇ.
6 ئايلىقتىن 12ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئىھتىياجىنىڭ 50% نى ئانا سۈتى ئارقىلىق قاندۇرغىلى بولىدۇ. ئېشىپ قالغان 50% نى قوشۇمچە ئوزۇقلۇق قوشۇش كېرەك. يەنى 6 ئايلىق بولغاندا، قوشۇمچە يىمەكلىك ئىچمەكلىك قوشۇش ۋاقتى كەلدى. ئەمما ئامال بار ئانا سۈتىنى بېرىشتىن توختىتىپ قويماسلىق لازىم.
12 ئايلىقتىن تارتىپ 24 ئايلىققىچە يەنى بىر ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بوۋاقلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئىھتىياجىنىڭ 30% نى ئانا سۈتى قاندۇرالايدۇ. گەرچە ئانا سۈتى بوۋاقنىڭ ئوزۇقلۇق ئىھتىياجىنى نىسبەتەن ئاز قاندۇرسىمۇ، ئەمما ئانا سۈتىنى بېرىشتىن توختىتىپ قويماسلىق كېرەك.
شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، بوۋاقلارنىڭ كەلگۈسىدە سالامەت چوڭ بولۇشى ئۈچۈن ئەڭ بىباھا گۆھەر ئوزۇقلۇق مەنبەسى ھىساپلىنىدۇ. شۇڭا ھازىرقى زامان مېدىتسىناسىدا، بوۋاق بالىلار مەيلى قانچە ياشقىچە بولسۇن، ئانا سۈتىنى قانچە ئۇزۇن ئىچەلىسە شۇنچە ياخشى دەپ تەۋسىيە قىلماقتا.