ئانا سەھىپەساغلاملىقچېنىقىشمۇۋاپىق چېنىقىش قان بېسىم تۆۋەنلىتىش دورىسىدىنمۇ ئۈنۈملۈك

مۇۋاپىق چېنىقىش قان بېسىم تۆۋەنلىتىش دورىسىدىنمۇ ئۈنۈملۈك

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئامبولاتورىيەدىن چىققۇچە يۇقىرى قان بېسىم دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىر ئاغرىق مەندىن: «يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولغانلار چېنىقسا بولامدۇ؟ چېنىققاندا يۇقىرى قان بېسىم ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتەمدۇ؟» دەپ سورىغانىدى.

ئامبولاتورىيەدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش گۇمانىي قاراشتىكىلەر ناھايىتى كۆپ، ئەمما جاۋابى شۇكى: يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرى چېنىقسا بولىدۇ. قارىماققا، چېنىقىش قان بېسىمنى قىسقا ۋاقىتلىق ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن، ئەمما، نۇرغۇن تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، قانۇنىيەتلىك چېنىقىش ھەتتا قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش دورىسىدىنمۇ ئۈنۈملۈك ئىكەن: ئوكسىگىنلىق ھەرىكەت قان بېسىمنى 7~5 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى تۆۋەنلىتىدىكەن، قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى 3~2 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى تۆۋەنلىتىدىكەن؛ چېنىقىش يەنە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ خەتىرىنى %30~%20 تۆۋەنلىتىدىكەن.

يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرىغاچېنىقىش تۈرى جەھەتتە چەكلىمە يوق، سىز قايسى ھەرىكەتنى ياخشى كۆرۈڭ، بىخەتەر بولسىلا قىلسىڭىز بولىدۇ، مەسىلەن، تېز مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش، ۋېلسىپىت مىنىش، مەيدان ئۇسسۇلى ئويناش، ساغلاملىق گىمناستىكىسى قاتارلىق ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتلەرنى قىلسىڭىز بولىدۇ، ھەر ھەپتىدە يەنە مۇۋاپىق مىقداردا كۈچ مەشىقى قوشۇپ قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ، مەسىلەن: يەر بېغىرلاش، يەر تىرەش قاتارلىقلار.

ھەرىكەت چاستوتىڭىزنى ساغلام كىشىلەرگە ئوخشاش قىلىپ، ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە 5~3 قېتىمدىن، ھەر قېتىمدا 30 مىنۇتتىن ئارتۇق ئوتتۇراھال سىجىللىقتىكى ئوكسېگىنلىق ھەرىكەتلەرنى ئىشلەڭ، ئەڭ ياخشىسى ھەر كۈنى ھەرىكەت قىلىڭ. بۇ يەردىكى ئوتتۇراھال سىجىللىق يۈرەك سوقۇشنى سەل تېزلىتىدۇ، ئازراق تەر چىقىپ، ھارغىنلىق ھېس قىلدۇرىدۇ، ھەرىكەت جەريانىدا نەپەس ئېلىش تېزلىشىپ ئادەم سەل ھالسىرايدۇ، پاراڭلىشالايدۇ، ئەمما ناخشا ئېيتالمايدۇ، قەدەم سۈرئىتى جەھەتتە مىنۇتىغا 120 قەدەم ماڭالايدۇ؛ يۈرەك رېتىمى جەھەتتە، تەخمىنەن 170 غا يېتىدۇ.

ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن، 10 مىنۇت ئەتراپىدا دەم ئالسا نەپەسلىنىش ۋە يۈرەك رېتىمى نورمال ياكى نورمال سەۋىيەگە يېقىنلاشسا مۇۋاپىق بولغان بولىدۇ؛ ئەگەر ئەسلىگە كېلەلمىسە، ھەرىكەت سىجىللىقىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرى چېنىققاندا، تۆت نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.

1.قان بېسىمى بەك يۇقىرى بولسا، چېنىقماسلىق: تىنچ تۇرغاندا قان بېسىمى 110/180 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكىدىن ئېشىپ كەتسە، ئوتتۇراھال ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى سىجىللىقتىكى ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىق كېرەك؛

2. چېنىقىش ۋاقتىنى بېكىتىش: يۇقىرى قان بېسىم ئاغرىقلىرىنىڭ سەھەردىكى قان بېسىمى يۇقىرى بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى چۈشتىن كېيىن ياكى كەچقۇرۇن چېنىقىشى كېرەك؛

3. بەدەن قىزىتىش ۋە بوشىتىشقا دىققەت قىلىش: رەسمىي ھەرىكەت قىلىشتىن بۇرۇن، 5 ~ 10 مىنۇت بەدەن قىزىتىش ھەرىكىتى ئىشلەپ، يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. چېنىقىشتىن دەرھال توختاپ قالماسلىق كېرەك، ھەرىكەتنى ئاستىلىتىش ياكى ئۆزىنى بوشىتىدىغانھەرىكەتلەرنى ئىشلەش كېرەك؛

4. بەدەن ئالامەتلىرىگە دىققەت قىلىش: چېنىقىش جەريانىدا ئۆز سېزىمىگە دىققەت قىلىش، ئەگەر نەپەسلىنىشى، يۈرەك سوقۇشى زىيادە تېز ياكى رېتىمسىزلاشسا، سۈرئەتنى ئاستىلىتىش ياكى ئارام ئېلىش كېرەك، ئەگەر كۆكرەك ئاغرىسا، تۆۋەنكى جاغ ياكى بىلەك قاتارلىق ئورۇنلار ئاغرىسا، دەرھال توختاپ دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

بېيجىڭ داشۆ خەلق دوختۇرخانىسى يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ليۇ جيەن

كوئىنلون تورى دىن ئېلىندى
مەسئۇل تەھرىر: گۈلمىرە

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-08-05

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-06-03 / 08:07:33

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ