سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
تۇرمۇشتا، نۇرغۇن كىشىلەردە بەل ئومۇرتقىسى ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، كۆپ قىسىم كىشىلەر بەل ئومۇرتقىسى ئاغرىقىغا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ، ئەمما كۈندىن-كۈنگە بەل ئومۇرتقىسى ناچارلىشىپ كېتىدۇ، ئۇنداقتا بەل ئومۇرتقىسى ياخشى بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟
1. ئولتۇرۇش ھالىتىنى تۈزىتىش
كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىر خىل ھالەتنى ئۇزاق ۋاقىت ساقلىغاندا، بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئولتۇرۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتىش كېرەك، ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاندا ئامال بار ئۈچتىن بىر قىسىم ئورۇندا ئولتۇرۇش، كۆكرەكنى تىك تۇتۇپ، قورساقنى ئازادە تۇتۇش كېرەك ، بۇ خىل ھالەتنىڭ بەل ئومۇرتقىسىغا بولغان يۈكى ئەڭ كىچىك بولىدۇ.
2. يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى تۈزىتىش
ئادەتتىكى ئەھۋالدا چوڭ مەسىلە كۆرۈلمىسىلا، نورمال، يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا كاپالەتلىك قىلسا بولىدۇ، تېنى ئاجىزراق كىشىلەر ئاقسىل ۋە ۋىتامىنلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا، يېشى چوڭراق كىشىلەر مۇۋاپىق مىقداردا كالتسىي تولۇقلاپ، تەركىبىدە كالتسىي بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ، ئوزۇقلۇقنى تېخىمۇ ياخشى قوبۇل قىلىش كېرەك.
3. ھەرىكەت تاللاش
بەل ئومۇرتقىسى ياخشى بولمىغانلار دالا ھەرىكىتى ياكى سۇ ئۈزۈشنى مۇۋاپىق قىلىپ بەرسە بولىدۇ، چېنىققاندا چوقۇم ھەرىكەتنىڭ توغرىلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك، ئەڭ ياخشىسى ئۆز بەرداشلىق بېرىش دائىرىسى ئىچىدە ھەرىكەت قىلىش كېرەك.
4. ئۇخلاش قىياپىتىنى تەڭشەش
ئۇخلىغاندا ئوڭدىسىغا يېتىش ياكى يېنىچە يېتىش ھالىتىنى تاللاش كېرەك، ئوڭدىسىغا ياتقاندا تىزىنىڭ ئاستىغا يۇمشاق تەگلىك قويۇپ، بەل ئومۇرتقىسىنى بوشىتىش، يېنىچە ياتقاندا تىزنى بوشىتىپ، ياستۇقنى يېرىم مۈرىسى بىلەن ئوخشاش كەڭلىكتە قويۇش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئەگرىلىكنى ساقلىغىلى بولىدۇ.
5. سوغۇقتىن ساقلىنىش
بەل ئومۇرتقىسى ياخشى بولمىغان كىشىلەر بەل قىسمىنى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىپ، سوغۇق ۋە ھۆللۈكنىڭ بەدەنگە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
يۇقىرىدىكىلەر بەل ئومۇرتقىسى ياخشى بولمىغانلار ئۈچۈن بەش تۈرلۈك تەكلىپ، بۇ بەش كىچىك ئىشنى ياخشى قىلغاندا بەل ئومۇرتقا كېسىلى ئاستا-ئاستا ساقىيىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17702764.shtml