(بىر زەھەر چەككۈچى قىزنىڭ يۈرەك ساداسى)
ئىللىقلىق بولمىسا ئادەم يولىدىن ئازدۇ
مەن ئەسلىدە يامان قىزلاردىنمۇ ئەمەس ئىدىم،كىچىكىمدىن ئەقىللىق بولۇپ ، قېرىنداشلىرىمنىڭ ھەممىسى ماڭا ئامراق ئىدى.مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا، مەن سىنىپتىكى ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن ئىدىم.نەتىجەم يامان ئەمەس ئىدى .لېكىن مەن قايتا-قايتا مەكتەپ ئالمىشىپ يۈردۈم ، توختىماي ئۆزگىرىۋاتقان مۇھىتقا كۆنەلمىگەنلىكتىن ، ئۆگىنىش نەتىجەم بارغانسىرى تۆۋەنلەشكە باشلىدى.
ھېلىمۇ ئىسىمدە بىر قېتىم يېڭىدىن بىر مەكتەپكە ئالماشقان ۋاقتىمدا ، مۇئەللىم مېنىڭ بۇرۇنقى نەتىجەمنى كۆرۈپ ، ئىشەنمىگەن قىياپەتتە: «بۇ سىزنىڭ نەتىجىڭىزمۇ »دەپ سورىدى ، مەن زۇۋان سۇرمىدىم .
نەتىجەم ياخشى بولمىغانلىقتىن مەندىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەن ئاتا-ئانام بارغانسىرى مەندىن ئۈمىدسىزلەندى . ئاتا-ئانامنىڭ ماڭا تۇتقان پوزىتسىيىسى بارغانسىرى قوپاللاشتى .
دادام بولسا بىر خىزمەتتىن قالدۇرۇلغان ئىشچى ، ئۇ قارت ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى.ھەتتا بىر قېتىم سىرتتا يەتتە كېچە كۈندۈز قارت ئوينىغان ، شۇڭلاشقا پەيچۇسودىكىلەر دائىم دادامنى يوقلاپ تۇراتتى.كېيىن دادام ئۇتتۇرۇپ قويغانلىق سەۋەبىدىن ئەمگەك بىلەن تەربىيلەش ئورنىغا كىرىپ قالدى ، ھەممە ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولماي دادامنىڭ ئەسلىدىمۇ كاج مىجەزىنى تېخىمۇ كاجلاشتۇرۇۋەتتى .
بىر قېتىم ئۇ مېنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىمنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ ، مېنى مۇشتلاپ كەتتى ھەتتا كىتابلىرىمنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرىۋەتتى . شۇنىدىن باشلاپ دادام ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بارغانسىرى يېقىنلاشتى . مەنمۇ بارغانسىرى يۈز ئۆرۈشكە قاراپ ماڭدىم .
مەكتەپتە نەتىجەم ياخشى ئەمەس ، مۇئەللىمۇ مېنى ياخشى كۆرمەيدۇ . تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە سىنىپ مەسئۇلىمىز ھەر كۈنى بىزنى سىنىپقا سولۇۋىلىپ تاپشۇرۇقنى تاپشۇرغانلارنىلا چىقىرىۋىتەتتى . ئۇ ۋاقتىلاردا كىتابلىرىم دادام تەرىپىدىن كۆيدۈرۇۋىتلگەچكە ئامال يوق تاپشۇرۇق ئىشلىيەلمەتتىم . مەن مۇئەللىمگە چۇشەندۇرسەم مېنى كەتكۈزىۋىتەتتى . مەن مەكتەپتىن زېرىكىشكە باشلىدىم ، تاپشۇرۇقىنى قەتئىي ئىشلىمەسلا بولدۇم .
ئاخىرى بىر كۈنى مەن مەكتەپتىن ھەيدەلدىم ، ئۇ ۋاقىتتا مەن ئەمدىلا 13 ياش ئىدىم ، ھەممە مەۋجۇدات ماڭا قىزىقارلىق تۇيۇلاتتى ، مەن جەمئىيەتكە چىقىپ بىر قىسىم كۆز بۇيامچىلار بىلەن تونۇشتۇم ، ئۇلار بولسا بىلىمسىز ، ئوغرى-قاراقچى ، بۇلاڭچى ، ئۇرۇشقاقلار ئىدى ، بۇ تۇرمۇش ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى ، ھەمدە خەجلەشكە پۇل بار، كۈنلىرىم ئىنتايىن خوشاللىق ئىدى ، شۇنداق قىلىپ مەن ئۇلار بىلەن بىللە ئويناشقا كىرىشپ كەتتىم .
پۇل تۈگسە بۇلايتتۇق ، دائىم مەن ياخش ماشنىلارنى ئىجارىگە ئېلىپ ، ئۇلارنى كۈتەتتىم ، بۇلانغان ماللارنى ماشىنىغا سېلىپلا قاچاتتۇق . ئىككى ئايدىن كېيىن ، بىزنى پەيچۇسۇ تۇتۇۋالدى ، مەن 14 ياشقا توشمىغىنىم ئۈچۈن كېسىلمىدىم ، ئاتا-ئانام مېنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى .
دوستۇمنىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن 13 ياش ۋاقتىمدا بىرنىچى قېتىم زەھەر چەكتىم
1998-يىلى 9-ئاي ، ئىش تاپالمايۋاتقان مەن بىر قىز تەرىپىدىن كونا دەريا بويىغا كەلدىم . مەن بىر مېھمانخانىدا تۇردۇم . بىر كۈنى ئاخشىمى مەن ئۇخلىيالمايۋاتقان چاغدا يەنە بىر مېھمانخانا ئۆيدىكى ئافاڭ مېنى ئۆيىگە كىرىپ ئويناشقا تەكلىپ قىلدى ، مەن ئۆيگە كىرگەندە ، ئۇلارنىڭ قەغەزنى يۆگەپ بىر ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇم ، مەن قىزىقىپ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى سۇرىدۇم ، ئۇلار بۇ ” خېروئىن ” دەپ تونۇشتۇردى ۋە مېنى ئىككىنى سۇمۇرۇپ بېقىشقا ئۈندىدى .
قىزىققانلىقمدىن نەچچە قېتىم سۇمۇرۇپ سالدىم ، ئۇ ۋاقىتتا مەن ئىنتايىن بىئارام بولدۇم ، ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ياندۇرۇپ كەتتىم ھەمدە پۈتۈن بەدىنىم قىچىشىپ كەتتى . مەن پەقەتلا بىر قېتىمغۇ خۇمارى بولماس دەپ قاراپتىمەن . لېكىن مەن ھازىر بەك پۇشايمان قىلىمەن زەھەر ھەقىقەتەن بىر تېگىپمۇ قويمايدىغان نەرسە ئىكەن .
نەچچە كۈن ئۆتمەي ، مەن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم ، پۇلۇم بولمىغانلىقتىن مەن يەنە ئوغرلىق قىلدىم . ئاتا-ئانام بىلىپ قېلىپ مېنى سولاپ قويدى . مەن بىر ئاماللارنى قىلىپ ئىشىكنى ئېچىپ ئوغرلىق قىلىپ ، ئويناپ يۇردۇم ، مۇشۇنداق كۈنلەر يىرىم يىل داۋاملاشتى . 1999-يىلى 6-،7-ئايلار ، مەن ئايۇ بلەن تونۇشتۇم ئۇ مەندىن چوڭ ، كۆز بويامچىلار ئىچىدىكى داڭقى چىققان كۆز بويامچى ئىدى ، بىز بىللە ئوينىدۇق ، ھەر قېتىم بىز بىر ئۆيدە چىكەتتۇق ، چېكىپ بولۇپلا ئۇخلايتتۇق . كېيىن يەنە ئىكى قېتىم چېكىپلا خۇمار بولۇپ قالدىم . بىر كۈنى چېكسەم كۆڭلۈم بىئارام بولاتتى .
زەھەر دېگەن ئىبلىسى بىلەن ئېلىشقان كۈنلەر نېمىدىگەن ئازابلىق ! ئىلگىرى مەن ئۆزۈمنى ئازىراق كونتىرۇل قىلىساملا خۇمار بولۇپ قالماسمەن دەپ قارايتتم . لېكىن مەن بارغانسىرى ئۆزۈمنى كونتىرۇل قىلالمىغىلى تۇردۇم . زەھەر خۇددى ئالۋاستىغا ئوخشاش مېنى چۆگىلەپ كېتەلمىدى . مېنىڭ ياشلىقىمنى ۋە روھىمنى يۇتۇپ كىتۋاتاتتى ، مەن زەھەرگە ئېرىششى ئۈچۈن يالغانچىلىق قىلىپ ، ئادەم ئالدىغىنىمنى كىشلەر بىلمەيتتى ، كىشلەر پەرۋا قىلمايتتى . زەھەرنى كۆرگەن ۋاقتىمدا مۇسكۇل ۋە روھلىرىم گۇمران بولاتتى ، زەھەر بولسىلا قەدىر-قىممىتىمنى يوقتاتتىم ، زەھەر بولسىلا ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەت يوقلاتتى ، زەھەر بولسىلا مېنىڭ بىر ئېغىزمۇ راسىت گىپىم قىلالمايتتى . زەھەر سېتىۋالدىغان پۇلغا ئېرىشىش ئۈچۈن ، مەن ئايۇنىڭ نەۋرە سىڭلىسىنى ئالداپ شەنشى ئۆلكىسىگە ئەكەلدىم ، كېيىن ئۇنىڭ سىڭلىسى قېچىپ كەتتى ۋە ئايۇگە مەلۇم قىلغاندا ، ئايۇ بىزنىڭ ئۆيگە كىلىپ بىر مۇنچە پاراكەندە قىلدى ، مەن ئىنتايىن يۈزۈم چۇشۇپ كەتكەندەك ھىس قىلىپ ، بىر ئىككى ئادەمنى باشلاپ بېرىپ ، ئۇنىڭ ئەدىپىنى تاز بېرىپ ، بىشىنى يېرىۋەتتىم . مېنىڭ زەھەر چەككەنلىكىمنى بىلگەندىن كېيىن ، دوستلىرمنىڭ ھەممىسى مەندىن ، كېسىلىمنىڭ يۇقۇپ قىلىشىدىن ئۆزىنى قاچۇراتتى . مەن مىڭ بىر مۇشەققەتتە بىر خىزمەت تاپسام ، باشلىق مېنىڭ زەھەر چەككىنلىكىمنى ئاڭلاپ مېنى چىقىرىۋەتتى . مەن خۇددى باشقلار تەرىپىدىن تاشلېۋىتىلگەن ئەخلەتگە ئايلىنىپ قالدىم .
2000-يىلنىڭ بېشى ، مەن ئامالسىز يىزىغا قايتىپ ھايات كەچۈردۇم ، ئاڭلىشىمچە شاڭخەيدە پۇل ئاسان تاپقىلى بولىدىكەن ، مەن كىچكىمدىن باشلاپ ، شۇ يەردە تۇرغان ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇھتنى ئالماشتۇرۇش ئاسانراق زەھەر خۇمارىنى تۈگىتىشنى ئويلىدىم . شۇنىڭ بىلەن مەن بىلەن بىرگە زەھەر چەككەن ئافاڭدىن 600 يۈەن ئېلىپ ئۆزۈم يالغۇز شاڭخەيگە باردىم . بىراق شاڭخەيگە بارغاندىن كېيىن پۇل تېپىشنىڭ تەسلىكىنى ھىس قىلدىم ، ئۇزاق ئۆتمەي 600 يۈەننىمۇ خەجلەپ بولدۇم ئۇنىڭدىن باشقا كىملكىمنى ئېلىپ بارماپتىمەن ، ساقچىلار قاتتىق تەكشۈرەيدىكەن شۇنىڭ بىلەن مەن يەنە يىزامغا قايتىپ كەلدىم . ئۆيدە يېرىم يىل چەكمىدىم ، لېكىن بىر قېتىم سىرتقا چىقىپ ئافاڭنى كۆرۈپ يەنە چېكىپ سالدىم . 2000-يىلى 6-ئايدا مەن ئافاڭدىن ئايرىلىش نىيىتگە كەلدىم . دوستلىرىم بىلەن فۇجۇغا بىرىپ ئىشلىدىم ، ئۇ يەردە بىر ئاسراش ھەققى يىغىدىغان يۇرتىدىشىم ئاخەي بىلەن تۇنۇشتۇم ، ئۇ ماشىنىسىنى ھەيدەپلا تۇرەتتى ، قارىماقتا خىلى پۇلداردەك قىلاتتى ، ئۇ مېنى بەك ياخشى كۆرەتتى ، ئاكتىپلىق بىلەن ماڭا يېقىنلىشاتتى ، بىز ئىككىمىز بىللە بولدۇق .، ئۇ بىر ئاي مېنىڭ ياتاق تامىقىنى بېرىپ ، يەنە 2000 يۈەن پۇلنى ماڭا بەردى . كېيىن يەنە بىر يۇرتىدىشىم ئايۇن بىلەن تۇنۇشتۇم ، ئۇنىڭ فۇجۇندىكى ۋاقتىلىرى ئۇزۇن ئىدى ، نۇرغۇن زەھەر چېكىدىغانلارنى تونۇيتتى ، 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئايۇن ، شۇ ياخشى دوستلىرىنىڭ يىندىن 150 يۈەنلىك مىللىنى ئەكەلدى ، ئۇ مېنى بىلەن يىغىنغا قاتنىشىشىپ بېرىشقا چاقىردى ، شۇنىڭ بىلەن يەنە چېكىپ قالدىم .
ئاخەي بىلگەندىن كېيىن ماڭا ئاچچىقلىدى ، مېنى سولاپ قويۇپ زەھەر تاشلاتقۇزدى ، مەن زەھەر چەككەندىن كېيىنكى پىسخۇلۇگىيىلىك ئىنكاسقا چىدىيالماي ، قولۇمنى كىسىۋالىمەن ۋە ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈۋالىمەن دەپ ئۇنى قورقۇتتۇم . ئۇ ئامال قىلالماي 3 كۈن سولاپلا مېنى قويۇۋەتتى ، كېيىن ئۇ 2000 يۈەن خەجلەپ مېنى يۇرتۇمغا قايتۇرۇپ ئەكەلدى . مەن قايتىپ كەلگەن كۈنى ، ئايۇ باش ۋە پۈت-قۇللىرىنى كېسىپ ئۆلۈۋاپتۇ ، ئاخەي بىلگەندىن كېيىن يەنە مېنى فۇجۇغا ئەۋەتتى ، لېكىن بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي مەن يەنە چېكىپ قالدىم .
زەھەر مىقتارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى بىلەن مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلالماس بولدۇم . 2001-يىلى 7-ئاي ، مەن فۇجۇدىكى بىر 5 يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايغا باردىم ، مېھمانلارغا ھەمراھ بولۇپ ياتتىم . بۇ ئىش دەل 2 يىل داۋاملاشتى . 2004-يىلى ئەتىياز، مەن دوستلۇرۇم بىلەن زەھەر چېكىۋاتقاندا ساقچىلار بىزنى تۇتۇپ ، جامائەت-خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ زەھەر تاشلاش ئورنىغا ئەكىرىپ قويدى .
ئىرادىلىك بىلەن زەھەر تاشلاپ يېڭى ھايات بەرپا قىلىش
ئۇ يەرگە كىرگەندىن كېيىن ، مەن يىغلاپ قاقشاپ ، ھەتتا ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋالمەن دەپ ساقچىلارنى قورقتتىم ، ئۇلاردىن مېنى قويۇۋېتىشنى ئۆتۈندۇم . ساقچىلار ماڭا سەۋىرچانلىق بىلەن نەسىھەت قىلدى ، مېنى تەربىيلدى . ماڭا زەھەرنىڭ زىيىنىنى ھەم ھاياتنىڭ پەلسەپىسىنى سۆزلىدى ، يىتەكچى ئەترەت باشلىقى ماڭا : ” قىزچاق ، سىز قورقماڭ ، بۇ ئورۇن سىزنىڭ ئۆيىڭىز، زەھەر خۇمارىنى بېسىش گەرچە ئىنتايىن قېيىن بولسىمۇ ، لېكىن بىز كۆپچىلىك بىرلىكتە تىرشساق چوقۇم سىزنى ئەسلىگە كەلتۇرەلەيمىز ، زەھەردىن ئىبارەت بۇ ئىبلىسنىڭ قوينىدىن قايتۇرۇپ ئەكىلەلەيمىز . سىزنىڭ قەدىر-قىممىتىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۇرەلەيمىز . سىزنىڭ ياشلىق باھارىڭىزنى قايتۇرۇپ ئەكىلەلەيمىز ، سىزگە مەنسۇپ بولغان گۈزەل ھاياتىڭىزنى قايتۇرۇپ ئەكىلەلەيمىز .” ساقچىلار خۇددى قېرىنداشلىرىمدەك تەربىيلەپ مېنى قۇتقۇرۇپ ، قەلبىمگە چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇردى ، مەن قەتئىي زەھەر تاشلاشقا بەل باغلىدىم .
كۆپ يىللاردىن بۇيان ، مەن سىرتلاردا سەرسان بولۇپ يۇرۇپ ، ئاتا-ئانامنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالدىم ، ئادەتتە ئۇلار مېنى كۆپ باشقۇرۇپ كەتمەيدۇ ، زەھەر چەككەن ئىشىمنى ئۇلارغا تىنماي كەلگەن . شۇنىڭ بىلەن ئەترەت باشلىقى ئاپامنى ئىزدەپ كىلىپ ئۇنىڭغا مېنىڭ زەھەر چەككەنلىك سەۋەبىمنى ، زەھەر چەككەندىن كېيىنكى جاپالىرىمنى ھەمدە مېنىڭ زەھەر تاشلاش قەتئىي ئىرادەمنى ۋە ئىشەنچىمنى سۆزلەپ بەردى . ئۇ ئاپامدىن زەھەر تاشلاش ئورنى بىلەن ئوبدان ماسلىشىپ ، ئورتاق تىرىشىپ ، مېنىڭ ئۈزۈل- كېسىل زەھەر خۇمارىنى تۈگىتىشىمگە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى .
ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ، ئاپام ھەر ۋاقىت ماڭا ھەمراھ بولدى ، ھەر ۋاقىت ماڭا كۆيۈندى ، كېيىن مەن بۇ مۇھىتتىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتتىم ، مەن ساقچى ھەم قېرىنداشلىرىمنىڭ تەربىيىسى ۋە سەمىمىي مېھىر-مۇھاببىتىنى مەڭگۈ ئىسمدىن چىقارمايمەن . قەددىمنى تىك قىلىپ ، دىيانىتىمنى ساقلاپ باتۇرلۇق بىلەن جەڭنى قۇبۇل قىلدىم تا مۇشۇ كەمگىچە مەن زەھەرنى قايتا چەكمىدىم ، يۇرتۇمدا شوپۇرلۇقنى ئۆگىنىپ ، تاكسى شوپۇرى بولۇپ قالدىم ، كۈنلىرىم ئىنتايىن ئازادە ، كەيپىياتىممۇ ئىنتايىن ياخشى مەن ئۆزۈمنىڭ ھايات كوردىناتىمنى قايتا ياراتتىم