سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ياز پەسلى «ھۆللۈكنى ھەيدەش پەسلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئەگەر سىز سېمىز بولسىڭىز، مايلىق يېمەكلىكلەرنى بەك كۆپ يېسىڭىز ياكى تۇرالغۇ مۇھىتىڭىز ئىنتايىن نەم بولسا، دائىم ھۆل كىيىملەرنى كىيىۋالسىڭىز، بۇ ئامىللار بەدىنىڭىزنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. بەدەندە نەملىك ئېشىپ كەتسە، تال ۋە ئاشقازاننىڭ نورمال خىزمىتىگە تەسىر يېتىپ، پۈتۈن ئادەم ناھايىتى ھارغىن كۆرۈنىدۇ، ئاستا-ئاستا يۈزىڭىزدە دانىخورەك پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. ھەمدە يەنە نۇرغۇن ئەگەشمە كېسەللىك ئالامەتلىرى بولىدۇ.
بەدەندە نەملىك ئېشىپ كەتكەندە، بۇ ئۈچ خىل مېۋىنى ئاز يېيىش كېرەك.
1. تاۋۇز
ھازىر بازاردا تاۋۇزلارنىڭ تۈرى كۆپ، ھاۋانىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ نۇرغۇن كىشىلەر تاۋۇز يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، تاۋۇز بەدەنگە سۇ تولۇقلىغاندىن سىرت ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئەمما تاۋۇزنىڭ تەبىئىيىتى سوغۇق بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئەمما بەك كۆپ يەۋەتسە بەدەندىكى نەملىك ئېشىپ كېتىدۇ.
2. ئاناناس (菠萝)
ئاناناس بىر خىل ئىسسىق بەلباغ مېۋىسى بولۇپ، خۇش پۇرىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئاناناسنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىن، ئامىنو كىسلاتاسى قاتارلىق ھەر خىل مىنېرال ماددىلار بار. لېكىن ئاناناسنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، تېنىدىكى نەملىك نىسبەتەن ئېغىر بولغان كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن چوقۇم ئاناناسنى كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاناناسنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا شېكەر بولۇپ، ئورۇقلاۋاتقان كىشىلەر ياكى دىيابېت بىمارلىرى كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
3. مانگو (芒果)
مانگو تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ، بولۇپمۇ ئاياللار مانگونى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن مانگونى يېگەندە مىقدارىنى ياخشى كونترول قىلىش كېرەك، چۈنكى مانگونىڭ زىيادە ئىستېمال قىلغاندا، سوغۇقلۇق بەدەنگە ھۇجۇم قىلىپ، بەدەننى زەخىملەندۈرۈپ، ھۆللۈكنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17815621.shtml