چېنىققاندىن كېيىن پۈتۈن بەدەندىكى مۇسكۇللارنىڭ سىرقىراپ ئاغرىشى دائىم كۆرۈلىدىغان ھادىسە بولۇپ، ئادەتتە چېنىققاندىن كېيىنكى 24 – 72 سائەت ئىچىدە كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش، تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى ھەمدە داۋالاش ئۇسۇلى بۇ خىل ئەھۋالنى ۋاقتىدا پەرقلەندۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم.
سەۋەبى:
1. مۇسكۇللارنىڭ مىكرو زەخىملىنىشى:بىز كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان چېنىقىشنى ئېلىپ بارغاندا، مۇسكۇل تالالىرىنىڭ مىكرو زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ خىل زەخىملىنىش ياللۇغلىنىش رېئاكسىيىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مۇسكۇللارنىڭ سىرقىراپ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. سۈت كىسلاتاسىنىڭ جۇغلىنىشى:يۇقىرى سىجىللىقتا چېنىققاندا مۇسكۇللاردا كۆپ مىقداردا سۈت كىسلاتاسى ھاسىل بولۇشى مۇمكىن. گەرچە سۈت كىسلاتاسى ئاغرىقنى كەلتۈرۈپ چىقارمىسىمۇ، لېكىن ئۇ مۇسكۇللارنى چارچىتىدۇ ۋە بىئارام قىلىدۇ.
3. مۇسكۇل جىددىيلىشىش ۋە قېتىپ قېلىش:مەلۇم بىر ھالەتنى ئۇزاق ۋاقىت ساقلاش ياكى تەكرار ھەرىكەت قىلىش مۇسكۇللارنىڭ جىددىيلىشىشى ۋە قېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېلىپ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
4. سۇسىزلىنىش:چېنىققاندا كۆپ تەرلەش سۇسىزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مۇسكۇللارنىڭ تارتىشىپ قېلىشى ۋە تېلىپ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
5. باشقا تېببىي ئەھۋاللار:مەسىلەن، ئېلېكترولىت تەڭپۇڭسىزلىقى، نېرۋا بېسىلىش قاتارلىقلارمۇ مۇسكۇللارنىڭ تېلىپ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى:
1. كېسەللىك تارىخىنى سوراش:دوختۇر بىمارنىڭ كېسەللىك تارىخىنى سورايدۇ، بۇ چېنىقىشنىڭ تۈرى، كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى، داۋاملىشىش ۋاقتى ۋە تېلىپ ئاغرىشنىڭ يۈز بېرىش قېتىم سانى، داۋاملىشىش ۋاقتى، ئەگەشمە كېسەللىك ئالامىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2. بەدەن تەكشۈرۈش:دوختۇر ئومۇميۈزلۈك بەدەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، مۇسكۇللارنىڭ سىرقىراپ ئاغرىشىنىڭ ئورنى ۋە خاراكتېرىنى بېكىتىدۇ.
3. قان تەكشۈرۈش:كرېئاتىن كىنازا ( CK ) سەۋىيىسىنى تەكشۈرۈپ ،مۇسكۇللارنىڭ زەخىملىنىش دەرىجىسىنى باھالىغىلى بولىدۇ.
4. سۆرەتلەش ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش:مەسىلەن:X نۇرى ،MRI نۇرى قاتارلىقلار سۆڭەك سۇنۇش ياكى نېرۋا بېسىلىش قاتارلىق باشقا يوشۇرۇن مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بېكىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.
5. باشقا ئالاھىدە سىناقلار:بىمارنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە بەدەن بەلگىلىرىگە ئاساسەن، يەنە باشقا ئالاھىدە سىناقلارنى ئېلىپ بېرىش كېرەك.
داۋالاش ئۇسۇلى:
1. دەم ئېلىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش:مۇسكۇلنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە يېتەرلىك ۋاقىت بېرىش ئىنتايىن مۇھىم. مۇز ياكى ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئاغرىق ۋە ياللۇغنى پەسەيتىشنى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ.
2. يېنىك ھەرىكەت:يېنىك دەرىجىدىكى ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت، مەسىلەن، سەيلە قىلىش ياكى سۇ ئۈزۈش قاتارلىقلار قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بېرىپ، مۇسكۇللارنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلىتىدۇ.
3. ئۇۋۇلاش ۋە سوزۇش:قەرەللىك ئۇۋۇلاش ۋە سوزۇش جىددىي مۇسكۇللارنى بوشىتىپ، تېلىپ ئاغرىشنى يېنىكلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.