پالەچلىنىش

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

پالەچ بەدەننىڭ مەلۇم بىر قىسمى ياكى ھەممىسى نورمال ھەرىكەت ئىقتىدارىنى يوقىتىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش، تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى ھەمدە داۋالاش ئۇسۇلى بۇ خىل ئەھۋالنى ۋاقتىدا پەرقلەندۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم.

سەۋەبى:

1. مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى زەخىملىنىش:مەسىلەن، مېڭە سەكتىسى، مېڭە تاشقى يارىسى، يىلىك زەخىملىنىش قاتارلىقلار.

2. ئەتراپ نېرۋا سىستېمىسى زەخىملىنىش:مەسىلەن، ئەتراپ نېرۋا ياللۇغى، ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىش قاتارلىقلار.

3. مۇسكۇل كېسەللىكلىرى:مەسىلەن، مۇسكۇلغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، مۇسكۇل ياللۇغى قاتارلىقلار.

4. مېتابولىزم خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر:مەسىلەن، قان شېكىرى تۆۋەنلەش، ئېلېكترولىت قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلار.

5. يۇقۇملىنىش:بەزى ۋىرۇس ياكى باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىش مۇسكۇللارنىڭ ماغدۇرسىزلىنىشى ياكى پالەچ بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

6. دورا ياكى زەھەرلىك ماددىلاردىن زەھەرلىنىش:بەزى دورا ياكى زەھەرلىك ماددىلار مۇسكۇللارنىڭ پالەچ بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

7. باشقا تېببىي ئەھۋاللار:مەسىلەن، كۆپ ئورۇندا پەيدا بولىدىغان قېتىشىش، پاركىنسون كېسىلى قاتارلىقلارمۇ پالەچلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

 

تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى:

1. كېسەللىك تارىخىنى سوراش:دوختۇر بىمارنىڭ كېسەللىك تارىخىنى سورايدۇ، بۇ پالەچلىكنىڭ يۈز بېرىش قېتىم سانى، داۋاملىشىش ۋاقتى، ئەگەشمە كېسەللىك ئالامىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2. بەدەن تەكشۈرۈش:دوختۇر بىمارنىڭ مۇسكۇل كۈچى، رېفلېكسى، سېزىمى قاتارلىقلارنى تەكشۈرىدۇ.

3. قان تەكشۈرۈش:ئېلېكترولىت تەڭپۇڭلۇقى ،قان شېكىرى سەۋىيىسى ،كرېئاتىن كىنازا ( CK ) سەۋىيىسى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ، ماددا ئالمىشىش خاراكتېرلىك كېسەللىك ياكى باشقا مەسىلىلەرنىڭ بار – يوقلۇقىنى بېكىتىشكە بولىدۇ.

4. نېرۋىنى ئېلېكتىرو فىزىيولوگىيەلىك تەكشۈرۈش:مەسىلەن:ئېلېكترومىئوگرامما ( EMG ) ۋە نېرۋىنىڭ يەتكۈزۈش سۈرىتى ( NCV ) نى ئۆلچەش ئارقىلىق نېرۋا ۋە مۇسكۇللارنىڭ ئىقتىدارىنى باھالىغىلى بولىدۇ.

5. سۆرەتلەش ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش:مەسىلەن:X نۇرى، CT نۇرى ياكى MRI نۇرى ئارقىلىق سۆڭەك، مۇسكۇل ۋە باشقا توقۇلمىلارنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىدارىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ.

6. مېڭە سۇيۇقلۇقىنى ئانالىز قىلىش:ئەگەر مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدا مەسىلە بار دەپ گۇمان قىلىنسا، مېڭە سۇيۇقلۇقىنى ئانالىز قىلىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن.

7. باشقا تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش:بىمارنىڭ كېسەللىك ئالامىتى ۋە بەدەن بەلگىلىرىگە ئاساسەن، باشقا تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىشى مۇمكىن، مەسىلەن، سۈيدۈك ئانالىزى، شىنديەنتۇ قاتارلىقلار.

 

داۋالاش ئۇسۇلى:

1. دورا بىلەن داۋالاش:پالەچلىكنىڭ سەۋەبىگە ئاساسەن، ۋىرۇسقا قارشى دورىلار، ئانتىبىئوتىكلار، خامۇشلۇققا قارشى دورىلار، تەشۋىشلىنىشكە قارشى دورىلار قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان دورىلارنى ئىشلىتىپ داۋالاشقا بولىدۇ.

2. فىزىكىلىق داۋالاش:ئالاھىدە ھەرىكەت ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى ئارقىلىق مۇسكۇللارنىڭ ئىقتىدارى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

3. ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش:بەزى ئەھۋاللاردا، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق زىيانغا ئۇچرىغان نېرۋا ياكى مۇسكۇللارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىشى مۇمكىن.

4. قوشۇمچە ئۈسكۈنىلەر:مەسىلەن، ھاسا، چاقلىق ئورۇندۇق قاتارلىقلار بىمارنىڭ يۆتكىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

5. پىسخىكىلىق قوللاش:پالەچ بولۇپ قېلىپ پىسخىكىلىق بېسىمغا ئۇچرىغان بىمارلارغا نىسبەتەن پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش ۋە قوللاشمۇ ئىنتايىن مۇھىم.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-30

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-07-11 / 10:53:27

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ