ئانا سەھىپەخانىم قىزلارگۈزەللىكئۆزىمىزنىڭ تېرىسىنى چۈشەنگەن ئاساستا گىرىم بۇيۇمى تاللاپ سېتىۋالايلى

ئۆزىمىزنىڭ تېرىسىنى چۈشەنگەن ئاساستا گىرىم بۇيۇمى تاللاپ سېتىۋالايلى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئادەم بەدىنىنىڭ سىرتىنى بىر قەۋەت تېرە ئوراپ تۇرىدۇ تېرىنىڭ ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن نۇرغۇن رولى بار، بولۇپمۇ ئادەم بەدىنىنى ئاسراشتىكى رولى ناھايىتى چوڭ ئاياللار ئۈچۈن تېرە ئەڭ مۇھىم بولۇپ ساغلام تېرە باشقىلارغا تەبىئىي، چىرايلىق، ياش تەسىر بېرىدۇ

ئۆزىمىزنىڭ تېرىسىنى چۈشەنگەن ئاساستا گىرىم بۇيۇمى تاللاپ سېتىۋالايلى

يۈز تېرىمىزنى ئاسراشتا ئالدى بىلەن تېرىمىزنىڭ خۇسۇسۇيىتىنى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ياخشى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك. ھۆسىن تۈزەش ئورۇنلىرىدا كەسپىي ھۆسىن تۈزەش خادىملىرى بۇنى سىزگە مەخسۇس ئەسۋابلار ئارقىلىق ناھايىتى ئاسان پەرقلەندۈرۈپ بېرىدۇ.

بىراق ئائىلىلەردە بەزىدە ئۆزىمىزگە توغرا دىئاگنوز قويالمىغانلىقتىن تېرىمىزگە نىمىنىڭ پايدىلىق، نىمىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيمىز. تېرىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، ئۇچرىغانلا گىرىم بۇيۇملىرىنى ئەرزان دەپ قالايمىقان ئىشلەتسەك تېرىمىزگە پايدىسىز بولۇپلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۈنۈم بىرىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا بىز ھەر قانچە بەدەل تۆلىسەكمۇ تېرىمىزنى بۇرۇنقىدەك ئەسلىگە كەلتۈرەلىشىمىز ناتايىن.

* تېرىنىڭ نەپەسلىنىشىگىمۇ سەل قارىماسلىق كېرەك. ئادەم ئوخلىغان ۋاقىتتا تېرە ئەڭ ياخشى بولغان نەپەسلىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يېتەرلىك ئۇيقۇ تېرىنى نەپەسلەندۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم. تېرىنى تېخىمۇ كۆپ نەپەسلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۈزىمىزنى پاكىز يۇيۇپ، كۆز ئەتراپىمىزغا كۆز ئەتراپىنى ئاسراش مېيى سۈركەپ ياتساق بىرقەدەر مۇۋاپىق ۋە ئىلمى بولىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا تېرە تولۇق نەپەسلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، كۆز ئەتراپىغا قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يۈزگە سۈرتۈلگەن گىرىم بۇيۇملىرى بەك كۆپ ياكى ئۇنىڭ يۈزدە تۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى لازىم. ئۇنداق بولغاندا تېرە نەپەسلىنالمەي تېرىنىڭ تەر تۆشۈكچىلىرى توسۇلۇپ قالغانلىقتىن ماددا ئالمىشالماي دانىخورەك، داغ، سەپكۈن پەيدا بولۇپ قالىدۇ.

* ھەر قانداق ئايال ئازدۇر – كۆپتۇر گىرىم بۇيۇملىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. ھازىر بازارلاردا سېتىلىۋاتقان گىرىم بۇيۇملىرى دۇكانلىرىغا كىرگەن چاغلىرىمىزدا ئۆزىمىزنى خۇددى رەڭگارەڭ گۈللۈك باغقا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىمىز. بۇچاغدا بىز قايسىسىنى سېتىۋېلىشنى بىلەلمەي قالىمىز، ھەتتا بەزىدە تېرىمىزگە ماس كەلمەيدىغان گىرىم بۇيۇملىرىنىمۇ سېتىۋالىدىغان ئىشلار يۈز بېرىپ قالىدۇ. مۇشۇنداق چاغلاردا ئۆزىمىزنىڭ گىرىم بۇيۇملىرىغا ئائىت بىلىملىرىمىزنىڭ تولىمۇ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا تېرىمىزگە ماس كېلىدىغان گىرىم بۇيۇملىرىنى تاللاپ سېتىۋالالايمىز؟

* گىرىم بۇيۇملىرى تاللىغاندا ئالدى بىلەن تېرىمىزنىڭ قايسى تىپتىكى تېرە ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىمىز، ئاندىن تېرىمىزنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرسىگە ئاساسەن تاللاپ سېتىۋېلىشىمىز لازىم. يۈز بىز ئۈچۈن ئەڭ ئەتىۋارلىق جاي. ئۇنىڭغا ئەرزان دەپ كەلسە – كەلمەس مايلارنى ئىشلەتمەستىن، شارائىتىمىز يار بەرسە تەبىئىي نەرسىلەردىن ياسالغان، سۈپىتى ياخشى داڭلىق گىرىم بۇيۇملىرى زاۋۇتى ئىشلەپ چىقارغان مايلارنى، مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدىن سېتىۋېلىشىمىز لازىم.

* يۈزدىكى قورۇقلار، داغلار ۋە يېرىلىپ كەتكەن قىلدام تومۇرلار تەبىئىي ھالدا گۈزەللىككە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يۈزدە ئەنە شۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلگەن ھامان چوقۇم ۋاقتىدا كەسپى ھۆسىن تۈزەش ئۇستىلىرىنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىپ ۋە داۋالىتىپ، گۈزەللىكنى ساقلاپ قېلىشىمىز لازىم. بولمىسا كېيىنكى پۇشايمان بىزگە پەقەت ھەسرەتلا ئېلىپ كېلىدۇ، خالاس.

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئىلىندى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-14

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-06 / 01:43:32

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ