توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ساغلام كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۈندۈزى خىزمەت قىلغاندا ياكى ئۆگىنىش قىلغاندا زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، تەپەككۇرى جانلىق بولىدۇ، بەزى خىزمەتلەرنى ئىشلىگەندە ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. كىشىلەر ئۆزىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى، ھەمدە دائىم ماغدۇرسىزلىنىدىغانلىقىنى بايقىغىنىدا، بۇنىڭغا سەل قارىماسلىقى كېرەك.
بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش بەزىدە يەنە بەدەندىكى كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. پۈتۈن بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىپ، ھارغىنلىق ھېس قىلىش زادى قانداق ئىش؟ بەدەننىڭ ھارغىنلىق تۇيغۇسىنىڭ روشەن بولۇشىدىكى سەۋەبلەر قايسىلار؟
1. ئۇيقۇ كەمچىل بولۇش
ھەممىمىز بىلىمىزكى، ئادەمنىڭ ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئاسانلا ماغدۇرسىزلىنىدۇ. بەدەن ئارام ئېلىشقا موھتاج بولغاندا، كىشىلەر دەرھال ئۇخلىيالمايدۇ، دائىم كېچىلىرى تۈنەيدۇ ياكى ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولماي، روھىي ھالىتى تېخىمۇ ناچارلىشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەزالار تىنچ كۈتۈنەلمەي، كۆپىنچە ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، بەدەن ھېرىپ-چارچاپ، ماغدۇرسىزلىنىپ كېتىدۇ. ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا، ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، ئۇيقۇ مەسىلىسىدىن كېلىپ چىققان-چىقمىغانلىقىنى ئايرىش كېرەك.
2. ئوزۇقلۇق كەمچىل بولۇش
كىشىلەرنىڭ ھارغىنلىق ھېس قىلىشىدىكى سەۋەب بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن. بەزى كىشىلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە ئېغىر بولغاچقا، دائىم تاماق يېمەي بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىدۇ. ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولمىغاندا، ئادەم بەدىنىنىڭ ھارغىنلىقى تېخىمۇ روشەن بولىدۇ.
3. زىيادە چېنىقىش
ئادەم بەدىنىنىڭ ھارغىنلىق ھېس قىلىپ، ماغدۇرسىزلىنىشىدىكى سەۋەبى زىيادە چېنىقىشتىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. بىر قىسىم كىشىلەر دائىم بەدەن چېنىقتۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدەن چېنىقتۇرغاندا، بەدەن تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدۇ. ئەگەر ئېنېرگىيە ھەددىدىن زىيادە خوراپ، ۋاقتىدا ئارام ئالالمىسا، ئادەم ھارغىنلىق ھېس قىلىپ ماغدۇرسىزلىنىپ كېتىدۇ.
4. كېسەللىك ئامىلى
بەزى كېسەللىكلەر ئادەمنى ئاسانلا ھارغىنلىق ھېس قىلدۇرۇپ ماغدۇرسىزلاندۇرىۋېتىدۇ. يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى قوزغۇلۇش جەريانىدا ئادەم بەدىنىدىكى توقۇلمىلاردا قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكتەك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئادەمنى ھارغىنلىق ھېس قىلدۇرۇپ ماغدۇرسىزلاندۇرىۋېتىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17881592.shtml