مايمۇن چېچىكى كېسىلى

مايمۇن چېچىكى ( Monkeypox ) كېسىلى مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى ( Monkeypox virus ،MPXV ) كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋىرۇسلۇق يۇقۇملۇق كېسەل. مايمۇن چېچەك ۋىرۇسى چېچەك ۋىرۇسلار ئائىلىسىگە تەۋە بولۇپ ، كېسەللىك ئالامەتلىرى سۇ چېچىكىگە قارىغاندا ئادەتتە ئېغىرراق بولىدۇ. بۇ كېسەللىك ئەڭ ئاۋۋال 1958 يىلى تەجرىبە مايمۇنلىرى ئارىسىدا بايقالغان بولۇپ، 1970- يىلى تۇنجى قېتىم ئىنسانلاردا دىئاگنوز قويۇلغان. مايمۇن چېچىكى ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئافرىقا ۋە غەربىي ئافرىقىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تارقالغان، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باشقا دۆلەت ۋە رايونلاردىمۇ مايمۇن چېچىكى پەيدا بولدى.

مايمۇن چېچىكى كېسىلى

 

ئۇيغۇرچە ئىسمى: مايمۇن چېچىكى
ئىنگىلىزچە ئىسمى: Monkeypox
تۈركچە ئىسمى: Maymun Çiçeği
خەنزۇچە ئىسمى: 猴痘

 

مايمۇن چېچىكى كېسىلى تارقىلىش يوللىرى

بۇ كېسەللىكنىڭ تارقىلىش يوللىرى ئادەم بىلەن ھايۋانلار ئارىسىدا ۋە ئادەم بىلەن ئادەم ئارىسىدا تارقىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

ئادەم ۋە ھايۋانلار ئارىسىدا تارقىلىش : يۇقۇملانغان ھايۋانلارنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقى، قېنى بىلەن ئۇچرىشىش ياكى يۇقۇملانغان ھايۋانلار تەرىپىدىن چىشلىۋېلىش، تاتىلاش ئارقىلىق تارقىلىدۇ. يۇقۇملانغان ھايۋانلار غاجىلىغۇچى ھايۋانلار ( مەسىلەن: ئىت ) ۋە پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانلار (مەسىلەن مايمۇنلار) نى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن.

ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا تارقىلىش : ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق تارقىلىدۇ:

يېقىن ئۇچرىشىش : يۇقۇملانغۇچىنىڭ زەخىملەنگەن تېرىسى ، بەدەن سۇيۇقلۇقى ياكى نەپەس يولىدىكى ئاجرالمىلىرى بىلەن يېقىن ئۇچرىشىش ئارقىلىق بۇ ۋىرۇس يۇقىدۇ.

تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق تارقىلىش : يۆتىلىش، چۈشكۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پەيدا بولغان تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق تارقىلىدۇ، ئادەتتە ئۇزاق مۇددەت قويۇق ئۇچراشقان ئەھۋالدا يۈز بېرىدۇ.

بۇلغانغان بۇيۇملار بىلەن ئۇچرىشىش : يۇقۇملانغۇچىلار ئىشلەتكەن بۇيۇملار مەسىلەن، كىرلىك، كىيىم – كېچەك ياكى لۆڭگىلەرنى ئورتاق ئىشلىتىش.

 

مايمۇن چىچىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى

مايمۇن چېچىكىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ئادەتتە 6 كۈندىن 13 كۈنگىچە بولىدۇ، 5 كۈندىن 21 كۈنگىچە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. كىلىنىكىلىق ئالامەتلىرى ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلىنىدۇ:

دەسلەپكى دەۋرى ( 1-5 كۈن ) : كېسەللىك ئالامەتلىرى قىزىش، باش ئاغرىش، مۇسكۇللار ئاغرىش، لىمفا تۈگۈنى ئىششىش ( چېچەك بىلەن پەرقلىنىدۇ )، تىترەش ۋە چارچاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەسۋە چىقىش مەزگىلى : قىزىپ 1 – 3 كۈندىن كېيىن، بىمارنىڭ بەدىنىگە ئەسۋە چىقىدۇ، ئادەتتە ئالدى بىلەن يۈز قىسمىدىن باشلاپ، ئاندىن بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىغا كېڭىيىدۇ، ئالىقان ۋە تاپاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تېرە ئەسۋىسى، داغلىق ئەسۋە ( تېرە بىلەن ئوخشاش تەكشىلىكتە قىزىل رەڭلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى ) دىن دۆڭچە ئەسۋە ( تېرە يۈزى تەكشىلىكىدىن قاپىرىپ چىققان رەڭلىك ئۆزگىرىش ) غا، ئاندىن سۇلۇق قاپارتما، يىرىڭلىق قاپارتمىغا بېرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا قاقاچ تۇتۇش ھەمدە چۈشۈپ كېتىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرىدۇ.

پۈتكۈل كېسەللىك جەريانى ئادەتتە ئىككى ھەپتىدىن تۆت ھەپتىگىچە داۋاملىشىدۇ. كۆرۈنۈشى جەھەتتىن بەزى ئەھۋاللاردا سۇ چىچىكىگە ئوخشاپ قالىدۇ.

 

مايمۇن چىچىكى ئۆلۈش نىسبىتى

مايمۇن چېچىكىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئادەتتە %1 تىن %10 كىچە بولىدۇ، كونكرېت ھالدا ۋىرۇس تۈپى ۋە بىمارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا باغلىق بولىدۇ. ئافرىقىنىڭ بەزى رايونلىرىدا، مايمۇن چېچىكىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن، بولۇپمۇ بالىلار ياكى ئىممۇنىتېت كۈچى بىر قەدەر تۆۋەن كىشىلەر توپى ئارىسىدا.

يېقىنقى يۇقۇم ئەھۋالى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە، بەزى مايمۇن چېچەك ۋىرۇسى تۈپىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى %3 تىن %4 كىچە بولۇپ، ئىلگىرىكى يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى ئىكەن. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، سۇ چېچىكىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، ئادەتتە %1 تىن تۆۋەن بولىدۇ ھەمدە كۆپ ساندىكى كېسەللەردە پەقەت يېنىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

 

ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى

يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش : تېرىنىڭ زەخىملىنىشى، بەدەن سۇيۇقلۇقى ۋە نەپەس يولىدىكى ئاجرالمىلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تازىلىققا دىققەت قىلىش : دائىم قول يۇيۇش، بۇلغانغان بۇيۇملار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، مەسىلەن، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كىرلىكى، كىيىم – كېچەكلىرى قاتارلىقلار.

مۇداپىئە تەدبىرى : تېببىي خادىملار مۇۋاپىق شەخسىي مۇداپىئە ئۈسكۈنىسى ( PPE ) ،مەسىلەن پەلەي ،ماسكا ۋە مۇداپىئە كىيىمى كىيىشى كېرەك.

ۋاكسىنا ئەملەش : چېچەك ۋاكسىنىسىنىڭ مايمۇن چېچىكىنى بەلگىلىك دەرىجىدە گىرەلەشمە قوغداش رولى بار، بولۇپمۇ خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپىغا ئەملەشنى ئويلىشىشقا بولىدۇ.

 

ئەڭ يېڭى تارقىتىش ئەھۋالى

2022 – يىلى 5 – ئايدىن بۇيان، مايمۇن چېچىكى ئافرىقىدىن باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەردە مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تارقالدى، بولۇپمۇ ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا، جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەت ۋە رايونلاردا تارقالدى. ئۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالاھىدە يېرى شۇكى، ۋىرۇس ئاساسلىقى ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى زىچ ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ، جىنسىي ئۇچرىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەر مەھەللىدە تارقىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، كېسەللىك مىساللىرى ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ھەمجىنىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇقۇمنىڭ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشى خەلقارا جەمىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ( WHO ) 2022 – يىلى 7 – ئايدا بۇ قېتىمقى مايمۇن چېچىكى يۇقۇمىنىڭ خەلقارا كۆڭۈل بۆلىدىغان تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.

يېقىندا مايمۇن چېچىكى يۇقۇمى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. 2024 – يىلى 8 – ئايدا، ئافرىقا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى مايمۇن چېچىكى كېسەللىكىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، ئافرىقىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ۋەقەسىگە ئايلانغانلىقىنى جاكارلىدى. دېموكراتىك كونگو جۇمھۇرىيىتى ( DRC ) ئەڭ ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىدى ، 16 مىڭ 800 دىن ئارتۇق گۇمانىي كېسەل ۋە 500 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغانلىقىنى دوكلات قىلدى . بۇ دۆلەتلەردە، ئاساسلىقى 15 ياشتىن تۆۋەن بالىلار كېسەللىكنىڭ تەسىرگە ئۇچرىدى.

 

 

داۋالاش ۋە باشقۇرۇش

نۆۋەتتە مايمۇن چېچەك ۋىرۇسىغا قارشى ئالاھىدە دورا يوق، داۋالاشتا ئاساسلىقى كېسەلگە قاراپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ئېغىر كېسەللەرگە نىسبەتەن ،ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئىشلىتىشنى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ ،مەسىلەن ،تېكاۋۋېيرۈي ( Tecovirimat ). بىمارنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىمارنى ئايرىپ كۈزىتىش ، تاكى بارلىق تېرىلەر قاقاچ تۇتۇپ چۈشۈپ كەتكۈچە ئايرىۋېتىش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ.

رەسىم مەنبەسى image source:
wikipedia

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-08-19

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-08-19 / 04:25:37

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ