بىز ئۇيغۇرلار چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىمىز. تاماقتا بولسۇن، سۆھبەتلەردە بولسۇن، چاي ئىچىش تۇرمۇشىمىزدىن بولمىسا بولمايدىغان بىر قىسمى. گەرچە چاينىڭ كۆپلىگەن پايدىسى بولسىمۇ، ئەمما شۇنىڭ بىلەن ئوخشاش زىيانلىق تەرەپلىرى ۋە پەرىز تۇتۇش ۋاقىتلىرى بولىدۇ. تۆۋەندىكى 7 تۈرلۈك ئەھۋالدا چاينى بەك كۆپ ئىستىمال قىلماسلىق لازىم.

1 . قورساق ئاچ ۋاقتىدا قېنىق چاي ئىچمەسلىك كېرەك ئادەتتە، چاي ئىچىشكە ئادەتلەنمىگەن كىشىلەر قورساق ئاچ ۋاقتىدا قېنىق چاي ئىچسە، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى تورمۇزلاپ، ھەزىم قىلىشقا توسالغۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يۈرەك سېلىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش قاتارلىق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2 . ئاشقازان يارىسى كېسىلى بارلار قېنىق چاي ئىچمەسلىكى كېرەك ئاشقازان، ئۈچەي يارىسى، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى ۋە سوزۇلما خاراكتېرىدىكى تارىيىشچان ئاشقازان يەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار قېنىق چاي ئىچمەسلىكى كېرەك. چۈنكى چاي تەركىبىدىكى كوففېئىن كۈچلۈك بولغانلىقتىن، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، جاراھەتنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
3 . يۈرەك ھەرىكىتى رىتىمسىز كىشىلەر قېنىق چاي ئىچمەسلىكى كېرەك يۈرەكنىڭ سوقۇشى زىيادە تېز ھەم كۈچلۈك، يۈرەك ھەرىكىتى رىتىمسىز كىشىلەر قېنىق چاي ئىچمەسلىكى كېرەك. چۈنكى چاي تەركىبىدىكى چاي ئىشقارى يۈرەكنى غىدىقلاپ، يۈرەك ھەرىكىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
4 . ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ۋە نېرۋىسى ئاجىز كىشىلەر كەچلىك تاماقتىن كېيىن قېنىق چاينى كۆپ ئىچمەسلىكى كېرەك چۈنكى قېنىق چاي نېرۋىنى غىدىقلاپ، ئۇيقۇسىزلىقنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
5 . قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالغاندا قېنىق چاي ئىچمەسلىك كېرەك چۈنكى چاي تەركىبىدىكى ئىشقار ماددىسى بەدەننىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىپ، قىزىتمىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا چاي ئىشقارىنىڭ يەنە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بولغاچقا، قىزىتمىنى ياندۇرىدىغان دورىلارنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
6 . ھامىلىدار ئاياللار قېنىق چاي ئىچمەسلىكى كېرەك ئاياللار ھامىلىدار مەزگىلىدە قېنىق چاي ئىچسە، چاي تەركىبىدىكى كوففېئىن يۈرەك سوقۇشىنى تېزلىتىپ، سۈيدۈكنى كۆپەيتىۋېتىدۇ ھەم بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئېغىر بولغاندا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7 . بالىلار قېنىق چاي ئىچمەسلىكى كېرەك قېنىق دەملەنگەن چاي تەركىبىدە فىنۇل ماددىسى كۆپ بولۇپ، يېمەكلىك تەركىبىدىكى تۆمۈر ماددىسى بىلەن ئاسان رېئاكسىيىلىشىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، بالىلارنىڭ تۆمۈر ماددىسىنى قوبۇل قىلىشى توسالغۇغا ئۇچراپ، ئۇلاردا تۆمۈر ماددىسى كەمچىل بولۇش خاراكتېرىدىكى قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.