بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
1. يېنىك دەرىجىدىكى خامۇشلۇق كېسىلى
يېنىك دەرىجىدىكى خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارغا قىزىقمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئىزدىنىش روھىنى يوقىتىدۇ، ئەتراپىدىكىلەرگە پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىدۇ، ھەتتا ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن يىراق تۇرىدۇ، باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ، ھەتتا سىرتقا چىقىشنى خالىمايدۇ. تەپەككۇرى ئاستىلايدۇ، كەيپىياتى داۋاملىق چۈشكۈنلىشىدۇ، ھەمىشە ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتىغا پېتىپ قالىدۇ، ھەمىشە كېرەكسىز نەرسىلەر ئۈستىدە ئويلىنىدۇ، زۆرۈر بولمىغان ئەندىشىلەرنى قىلىدۇ، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى ناچارلىشىدۇ. ئاستا-ئاستا ئۇيقۇ توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، مەسىلەن، كارىۋاتتا يېتىپ ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالماسلىق، يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كېتىش ياكى ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇش قاتارلىقلار.
2. ئوتتۇرا دەرىجىلىك خامۇشلۇق كېسىلى
ئوتتۇرا دەرىجىلىك خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ تىپىك كېسەللىك ئالامىتى بولسا، ئېغىر ھالدا غەلىتە ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى پەيدا بولۇپ، ئۆزىنى تونۇشتا زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئۆزىنىڭ ھېچقانداق ئىشنى ياخشى قىلالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، دائىم بەزى ئىشلارنى قىلالماي ئۈمىدسىزلىنىدۇ ۋە ئازابلىنىدۇ، ھەتتا ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيقۇدا ئېغىر توسالغۇ پەيدا بولىدۇ، ئۇيقۇسىزلىق تۈپەيلىدىن ھەر خىل بەدەن ئىنكاسى پەيدا بولىدۇ، بۇ ئاساسلىقى بەدەن ئېغىرلىقى، يېمەك-ئىچمىكى، شۇنداقلا پۇراش ۋە ئاڭلاش سېزىمى قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ. روھىي جەھەتتە چارچايدۇ. ھەمىشە نورمال بولمىغان يۈرەك سېلىش ۋە ئاشقازان-ئۈچەي بىئارام بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
3. ئېغىر دەرىجىدىكى خامۇشلۇق كېسىلى
ئېغىر دەرىجىدىكى خامۇشلۇق كېسەللىكىنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، كاللىسىدا ھەر خىل خىياللار پەيدا بولىدۇ، باشقىلار ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، يەنىلا ھەر خىل ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خىياللىرى پەيدا بولىدۇ، بۇ باسقۇچ ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، چوقۇم ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك.
خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟
1. روھىي ھالەتنى ياخشى تەڭشەش كېرەك
كۆڭلى-كۆكسىنى كەڭ تۇتۇپ، ئېغىر-بېسىق بولۇش، ئارتۇقچە ئىشلارنى ئويلىماسلىق، ئاكتىپ، ئۈمىدۋار روھىي ھالەت بىلەن ھەممىگە يۈزلىنىش، بىرەر ئىشقا يولۇققاندا بىھۇدە ئاۋارە بولماسلىق كېرەك. ئادەتتە باشقىلار بىلەن كۆپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىش ياكى ساياھەت قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ناچار كەيپىياتنى يوقاتقىلى بولىدۇ.
2. رەڭگى ئوچۇق مەنزىرىلەرگە كۆپرەك قاراش كېرەك
تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، رەڭگى ئوچۇق شەيئىلەرنى كۆپ كۆرگەندە روھنى ئۇرغۇتقىلى بولىدىكەن. ئادەتتە يېنىك مۇزىكىلارنى كۆپ ئاڭلىسا، كىشىلەرنىڭ كەيپىياتىنى ئازادە قىلغىلى بولىدىكەن. قىزىقارلىق فىلىملەر ياكى كۆڭۈل ئېچىش ئۇنىۋېرسال سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆپرەك كۆرۈش ئارقىلىقمۇ كەيپىياتىنى تەڭشىگىلى بولىدىكەن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش:
ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ كەيپىياتى ۋە باشقۇرۇش بېسىمىغا كۆپرەك دىققەت قىلىش، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇش، زۆرۈر تېپىلغاندا پىسخىكا دوختۇرىنىڭ يېتەكلىشىنى تەلەپ قىلىش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/20421692.shtml