1. ئەيدىز كېسەللىكى توغرىسىدىكى ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆزىدىكى قورقىنىچ ۋە تېڭىرقاپ قېلىش كەيپىياتىنى تۆگىتىش كېرەك. ئەيدىز كېسەللىكىگە ئىلمىي پوزىتسىيە تۇتۇپ، ئەيدىز كېسەللىكى بىمارلىرىنى كەمسىتمەسلىك كېرەك.
2. پاك دىيانەتلىك بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھالال جۈپتىگە سادىق بولۇش كېرەك. جىنسىي ھەمراھى قانچە كۆپ بولسا ئەيدىز كېسەللىكنىڭ يۇقۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى شۇنىچە چوڭ بولىدۇ.
3. ئۆز جۆرىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىش، ئۇنىڭ يۈرۈش- تۇرۇشى ۋە ئەخلاق – دىيانىتىنى كۆزىتىپ تۇرۇش ، تالاغا قاراش ۋە زەھەرلىك چىكىملىك چىكىش قاتارلىق ئىللەتلەرنى يۇقتۇرۋالماسلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
4. جىنسىي ھەمراھىڭىزنىڭ ئەزايى – تۇرقىدىن قانچىلىك دەرىجىدە ساغلام ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرسىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلماڭ!
5.جىنسىي تۇرمۇشتا، سۈپىتى ئىشەنچىلىك بولغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنى توغرا ئۇسۇلدا ئىشلىتىڭ.
6. ئۆزىڭىزنى قوغداش شارائىتى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا باشقىلارنىڭ قېنى ۋە زەخىملەنگەن يارا ئېغىزى بىلەن ھەپىلەشمەڭ. ئەڭ ياخشىسى شۇنداق چاغلاردا پۇختا بولغان سولياۋ پەلەي كېيىۋېلىڭ.
7. ئىشپىرىس ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز يۇقىرى ئۆلچەمدە دېزېنفېكسىيە قىلىپ ئىشلىتىڭ. ئەڭ ياخشىسى ھەر بىر ئادەمگە بىر ئىشپىرىس ئىشلىتىش، ئىشلەتكەندە بىر قېتىملىق ئىشپىرىس ئىشلىتىش كېرەك.
8. باشقىلارنىڭ چىش چوتكىسىدا چىش چوتكىلاش ۋە باشقىلارنىڭ ساقال ئالغۇچىنى ئىشلىتىشتىن قاتتىق ھەزەر قىلىڭ. ساتراچخانىلاردا بولسا ساتراچنىڭ ئۇسترا ، تىغلىرنىڭ پاكىز بولۇشى ، ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشىغا دىققەت قىلىڭ، ھەر قېتىم ئالماشتۇرۇشنى جىكىلەشنى ئۇنۇتماڭ.
9. تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن قان ۋە قان ياسالمىلىرنى ئىشلەتمەڭ.
10. بەدەنگە خەت ۋە رەسىم چەكمەڭ. تازىلىق ئۆلچىمى يۇقىرى بولمىغان ساتراچخانا ، ھورداقخانا، چىش دوختۇرخانىسى ( چىشخانا ) قاتارلىق جايلارغا بارماڭ.
11. جىنسىي كېسەللىڭىز بولسا، دەرھال ئۆز ۋاقىتدا داۋالىتىپ ساقىيىڭ. بولمىسا ئەيدىز كېسەللىكى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكى ئارتىپ كېتىدۇ.
12. زەھەر چەكمەڭ. ئەگەر ئاللىقاچان زەھەرگە ئۆگىنىپ قالغان بولسىڭىز، باشقىلار بىلەن بىر ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن قەتىئىي ساقلىنىڭ.