ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلارئانا ۋە بالايېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەر ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەر ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئائىلىگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ نازۇك بەدىنى يەنە ئاتا-ئانىلاردىن ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە دىققەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بوۋاقلار تۇغۇلۇپ بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە بىر قىسىم ئورتاق ساغلاملىق مەسىلىلىرىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. بۇ ماقالە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان ساغلاملىق مەسىلىلىرى، ئۇنىڭ ئالامەتلىرى ۋە ھەل قىلىش چارىلىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز. ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇشى بوۋاقلىرىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەر ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى

 

1. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى سېرىق چۈشۈش (Jaundice)

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا سېرىقلىق كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال بولۇپ، بوۋاقنىڭ تېرىسى ۋە كۆز ئاق قىسمىنىڭ سېرىق رەڭگە كىرىشى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئەھۋال بوۋاقنىڭ قېنىدىكى بىلىرۇبىن (bilirubin) سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. كۆپىنچە ئەھۋالدا، بۇ بىر نورمال فىزىئولوگىيىلىك سېرىقلىق بولۇپ، داۋالاشسىزلا ئۆزلىكىدىن ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.

  • ھەل قىلىش چارىسى: ئادەتتە تۇغۇلغاندىن كېيىن ، تۇغۇلۇپ 24.سائەتتىن كېيىن بوۋاقنىڭ سېرىقلىق دەرىجىسى تەكشۈرىلىدۇ. سېرىقلىق نەتىجىسىگە ئاساسەن دوختۇرلار قارار بېرىدۇ. ئەگەر چەكتىن ئاشمىغان سېرىقلىق بولسا،  ۋە ئۆيگە ئەۋەتىلىپ كۈزىتىلىش قارارى بېرىلسە ، بوۋاقنى ئۆيدە بېقىش جەريانىدا دائىم ئېمىتىپ ( سۈت يەتمىگەندە ئۇيغۇن بولغان سۈت پاراشوگى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش ) بەدەن سۇيۇقلۇقىنى يېتەرلىك ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شۇنداقلا، بوۋاقنى كۈن نۇرى چۈشۈپ تۇرىدىغان ئۆيگە قويۇش ياكى دوختۇرنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن فوتوتېراپىيە (نۇر ئارقىلىق داۋالاش) قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ئۆيدە بېقىش جەريانىدا سېرىقلىق ئېغىرلاپ كەتسە ياكى 15 كۈندىن ھەتتا بىر ئايغىچە سېرىقلىق سوزۇلسا، تەكرار دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك، چۈنكى سېرىقلىق دەرىجىسى بەك يۇقىرىلاپ كەتسە مېڭىگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن ۋەيا بەدەندە باشقا كېسەللىك بولۇشى مۇمكىن.

( يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى سېرىقلىق توغرىسىدا تور بېكىتىمىزدە تەپسىلىي مەزمۇنلارنى تاپالايسىز . )

 

2. كىندىك يېرىنىڭ پەرۋىشى ۋە يۇقۇملىنىشى

بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن، كىندىك بېغى كېسىلىدۇ ۋە قىسقۇچ بىلەن قىستۇرۇلىدۇ. بەدەن قىسمىدا قالغان قىستۇرۇلغان كىندىك قىسمى بىر نەچچە كۈندىن بىر قانچە ھەپتىگىچە قۇرۇپ چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇ جەرياندا، كىندىك يېرىنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم.

  • ھەل قىلىش چارىسى: كىندىك قىسمىنى پاكىز ۋە قۇرغاق ساقلاش كېرەك. ئۇنى سۇدا يۇماسلىق كېرەك. پەقەت پاكىز پاختا ياكى لاتا بىلەن ئاستا سۈرتۈپ قويۇش كېرەك. ئۇپا سۈركەش ئانچە تەۋسىيە قىلىنمايدۇ ، چۈنكى بوۋاقلارنىڭ ئۇپىنى سۈمۈرۋېلىش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. شۇنداقلا، بوۋاققا كىندىكنى ئېچىپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيگۈزۈش كېرەك. ئەگەر كىندىك ئەتراپىدا قىزىرىش، ئىششىش ، يىرىڭ ئېقىش، قان تامچىسى ياكى يېقىمسىز پۇراق كۆرۈلسە، دەرھال بالىلار جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە كۆرۈنۈش كېرەك.

 

3. سۈيدۈك لاتىسى سېزىمچانلىق ئەسۋىسى (Diaper Rash)

سۈيدۈك لاتىسى سېزىمچانلىق ئەسۋىسى بوۋاقلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان تېرە مەسىلىسى بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ سۈيدۈك لاتىسى ئورالغان جايلىرىدا قىزىل، دانىخورەك ياكى يىرىڭلىق قاپارتمىلار شەكلىدە كۆرۈلىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇزۇن ۋاقىت نەم قېلىش ، سۈيدۈك لاتىسىنىڭ تېرە سۈركىلىشى، سۈيدۈك لاتىسىغا زىيادە سېزىمچانلىق بولۇش ياكى سۈتكە بولغان سەزگۈرلۈكتىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

  • ھەل قىلىش چارىسى:  سۈيدۈك لاتىسىنى دائىم ئالماشتۇرۇپ، بوۋاقنىڭ تېرىسىنى قۇرغاق ساقلاش كېرەك. سۈيدۈك لاتىسىنى ئالماشتۇرغاندا، بوۋاقنىڭ تېرىسىنى ئىللىق سۇ ۋە يۇمشاق سوپۇن بىلەن ئاستا يۇيۇپ، ياخشى قۇرۇتۇش كېرەك. شۇنداقلا، دوختۇر تەۋسىيە قىلغان مەلھەمنى سۈركەپ قويۇشقا بولىدۇ. ئەگەر قىزىرىش، ئەسۋە قايتا قايتا كۆرۈلسە ، بالىلار دوختۇرىدىن مەسلىھەت ئېلىش كېرەك.

 

4. قىزىتما

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قىزىتما ئېغىر مەسىلىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. 38 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولغان ھەرقانداق قىزىتما ئەھۋالى ئاتا ئانىلارنىڭ جىددىي دىققەتنى تارتىش كېرەك. چۈنكى 3 ئايدىن تۆۋەن بوۋاقلاردا ئەگەر قىزىتما بولسا، دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈش، كۈزىتىش تەلەپ قىلىنىدىغان جىددىي بىر ئەھۋال ھىساپلىنىدۇ.

  • ھەل قىلىش چارىسى: ئەگەر بوۋاقتا قىزىتما بايقالسا، دەرھال  جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ بېرىش كېرەك. دوختۇر كۆرۈشتىن بۇرۇن بوۋاققا ھېچقانداق دورا بەرمەسلىك تەۋسىيە قىلىنىدۇ، چۈنكى بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يوشۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.

 

5. ئەمدۈرۈش مەسىلىلىرى

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا ئېمىش مەسىلىلىرىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، ئېمىشنىڭ قىيىنلىشىشى، ئېمىتەلمەسلىك ياكى يېتەرلىك ئېمەلمەسلىك قاتارلىقلار.

  • ھەل قىلىش چارىسى: بوۋاقنى توغرا ئېمىتىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر ئېمىتىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن بولسىڭىز، سۈت ئەمدۈرۈش يىتەكچىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ. سۈت ئەمدۈرۈش يېتەكچىسى ئادەتتە چوڭراق دوختۇرخانىلاردا بولىدۇ.  بوۋاقنىڭ يېتەرلىك ئوزۇقلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ چوڭ كىچىك تەرەت قىلىش قېتىم سانى، ھەر قېتىمقى سۈيدۈك لاتىسىغا قىلغان سۈيدۈك مىقدارىغا ۋە بوۋاقنىڭ ئېغىرلىق ئېشىش ئاشماسلىقى ئارقىلىق كۈزەتكىلى بولىدۇ. بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلىقنى ساقلاش مەركەزلىرىدە قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرسىڭىز بولىدۇ.

 

6. ئىچ قېتىش ، چوڭ تەرەت قېتىم سانى ئاز بولۇش

بەزى بوۋاقلاردا ئىچ قېتىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇ ئاساسەن يېمەكلىككە بولغان سەزگۈرلۈك ياكى بەدەندە سۇيۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ.

  • ھەل قىلىش چارىسى: ئەگەر بوۋاق ئېمىتىلىۋاتقان بولسا، ئانىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر سۈت پاراشوگى بىلەن بېقىلىۋاتقان بولسا ، فورمولا سۈتىنىڭ تۈرىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا دوختۇر بىلەن مەسلىھەتلىشىش كېرەك. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا 4-6 ئايغا كىرگىچە ، بالىلار دوختۇرنىڭ تەۋسىيىسىسىز سۇ بەرمەسلىك كېرەك. بەزىدە بوۋاقنىڭ قورساق قىسمىنى ئاستا ئۇۋۇلاپ قويۇش ئىچىنى يۇمشىتىشقا ياردەم بېرىشى مۇمكىن.

 

7. بوۋاقلاردىكى ئۈچەي گاز (يەل) ئاغرىقى

ئۈچەي گاز ئاغرىقى (colic) ساغلام بوۋاقلاردا ئۈچ ھەپتىدىن ئارتۇق، كۈنىگە ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق، ھەپتىسىگە ئۈچ كۈندىن ئارتۇق داۋاملىشىدىغان ھېچقانداق سەۋەبسىز يىغلاش، ئاغرىنىش ۋە بوشىشىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ.

  • ھەل قىلىش چارىسى: ئۈچەي گاز ئاغرىقىنىڭ كونكرېت داۋالاش ئۇسۇلى بولمىسىمۇ، بىر قىسىم تەسەللىي بېرىش ئۇسۇللىرى بار: بوۋاقنى قورساق قىسمىنى سائەت يۆلىنىشىدە يېنىك ئۇۋۇلاپ بېرىش، ئانا بوۋاقنى قۇچاقلاش، سۈت ئېمىتىش ياكى ئاق شاۋقۇن (white noise) ئاڭلىتىش …. قاتارلىقلار. ئەگەر گاز ئاغرىقى ئېغىر بولسا ياكى ئاتا-ئانىلارغا بەك بېسىم بولسا، دوختۇر بىلەن مەسلىھەتلىشىش كېرەك.

 

8. بۇرنى توسۇلۇش سەۋەپلىك نەپەسلىنىشتە قىينىلىش

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بۇرۇن بوشلۇقى تار بولغاچقا، بەزىدە بۇرۇن توسۇلۇپ قېلىش ئۇچرايدۇ. بۇ بەزىدە بۇرۇن يولى ئىششىش ، تارلىق ، چاڭ توزان سەۋەبىدىن غىدىقلىنىش ، ئەمدۈرۈلگەن سۈت بۇرۇندىن يېنىش سەۋەپلىك بولىدۇ.

  • ھەل قىلىش چارىسى: بوۋاقنىڭ بۇرۇنىنى تازىلاش ئۈچۈن، دورىخانىلاردىن فىزىئولوگىيىلىك تۇز سۇيۇقلۇقى (saline drops) ئېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ ، ئاندىن بوۋاقلارغا خاس بۇرۇن شورىغۇچ (nasal aspirator) ئارقىلىق شىلىمشىقنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. ئۆي ھاۋاسىنى نەملەشتمۇ ياردەم بېرىدۇ.

 

 

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ساغلاملىقى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسى. يۇقىرىدىكى تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلىرىنى بىلىش، ئۇنىڭ ئالامەتلىرىنى تونۇش ۋە ھەل قىلىش چارىلىرىنى قوللىنىش بوۋاقلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ئەگەر بوۋاقتا ھەر قانداق بىر نورمالسىز ئەھۋال كۆرۈلسە ياكى ئاتا-ئانىلار ئەنسىرىسە، مۇنتىزىم بالىلار دوختۇرى بىلەن مەسلىھەتلىشىش كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
3
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ