ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىبالىلارنىڭ تىرناق يىيىش ھەققىدە بەزى بىلىملەر

بالىلارنىڭ تىرناق يىيىش ھەققىدە بەزى بىلىملەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئۆتكەن ھەپتە، جىددىي قۇتقۇزۇشتا كېچىلىك دىجورنى تۇرۇۋاتقىنىمدا، بىر 20 ياش ئەتراپىدا بىمار كەلدى، ئۈزۈك بارمىقى تىرنىقىنىڭ يىلتىز قىسمى ساپ-سېرىق يىرىڭداپ كېتىپتۇ، ھەم شۇنىڭ ئەتراپتىدىكى تېرىسى بارماقنى بىر چۆرىدىگەن ھالدا قىزىرىپ، ئىششىپ ھەم تېرىسى سويۇلۇپ كېتىپتۇ. سەۋەبىنى سورىسام، تىرناق ھەم تىرناق يېنىدىكى چىقىق تېرىسنى يەيدىغان ئادىتى باركەن. بۇ قېتىم بەك ئېغىرلاپ كېتىپ، ياللۇغلىنىپ قاپتۇ. دەرھال ئۇ يىرىڭداپ قالغان يەرنى تىشىپ، ئىچىدىكى يىرىڭنى ئېلىۋەتتىم ھەم تېڭىپ دورا بەردىم. ئارقىدىنلا ئويلاپ باقسام مەن كىچىك ۋاقتىمدىمۇ يەپ بېقىپتىمەن، مېنىڭ سىڭلىممۇ ئاندا ساندا يەپ سالاتتى. بەلكىم ھېلىھەم ئاز بولمىغان كىشىلەردا، بولۇپمۇ بالىلاردا بۇ ئەھۋال بار. شۇڭا بۇ ماقالىنى تەييارلاپ سىلەرگە سۇنۇشۇم.

 

بالىلار نېمىشقا تىرناق يەيدۇ؟

بالىلار نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تىرناق يەيدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، مەسىلەن: قىزىقىش ، زېرىكىش ، روھىي بېسىم ، ئادەتلىنىپ قېلىش ياكى باشقىلارنى تەقلىد قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن بولۇشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ ئىچىدە تىرناق يىيىشكە ئەڭ كۆپ سەۋەب بولغىنى «جىددىيلىشىشتىن كېلىپ چىققان ئىنكاس ئادىتى» بولىدۇ. بۇ خىل ئادەتنىڭ باشقا مىساللىرى بولسا باش بارماقنى شوراش ، بۇرۇنىنى تارتىش (ماڭقىسىنى تارتىش) ، چاچ ئويناش ياكى تارتىش، چىش غۇچۇرلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بالىلارنىڭ تىرناق يىيىش ھەققىدە بەزى بىلىملەر

ئەگەر بالىڭىز تىرناق يىيىش ئەھۋالى، ئۆزىگە زەخىم يەتكۈزمىگەن دەرىجىدە بولسا ۋە ئاڭسىز (مەسىلەن تېلېۋىزور كۆرۈش جەريانىدا بىلىپ بىلمەي تىرناق يەپ سېلىش) ياكى بەزى مۇھىتتا (مەسىلەن ئىمتىھان مەيدانىدا، مۇئەللىم ياكى ئاتا ئانا مۇھىم سوئاللارنى سورىغاندا) تىرناق يىيىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، بۇ ئادەت ئۇلارنىڭ روھىي بېسىمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى بىر ئۇسۇلى بولۇپ زىيادە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.

بالىلاردىكى تىرناق يىيىش ئادىتى 3-4 ياشلاردا كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. بالىلاردىكى تىرناق يىيىش ئەھۋالى ئوخشىمىغان ۋاقىتتا پەيدا بولۇپ ئوخشىمىغان دەۋىرلەردە ئۆزلۈكىدىن يوقىشى، تەربىيە يىتەكلەش بىلەن تۈزۈلىشى مۇمكىن. ئەمما بەزى بالىلاردا تاكى يېشى چوڭىيىپ قۇرامىغا يەتكەندىمۇ داۋام قىلىشى مۇمكىن.

 

تىرناق يىيىشكە ئادەتلىنىپ تۈزىتەلمىسە ، ساغلاملىققا قانداق زىيانلىق تەرەپلىرى بار؟

  1. تىرناق ئەتراپى ياللۇغى: تىرناق يىگەندە تىرناق ئەتراپىدىكى تېرىمۇ زەخىمگە ئۇچراپ، ھاۋادىكى ياكى ئېغىزدىكى بەزى مىكروپلار يارا يېرىدىن تىرناق تېرىسى ئەتراپىغا كىرىپ كېتىپ ياللۇغلىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئېغىر ئەھۋاللاردا تىرناق ياتىقى يىرىڭداپ، تىرناقنى تارتىش توغرا كېلىدۇ.
  2. تىل ياللۇغى، كالپۇك ياللۇغى: تىرناق يىگەندىن كېيىن، تىرناق بىلەن بىلىپ بىلمەي تىل ياكى كالپۇكنى كېسىۋېتىشى مۇمكىن، ۋە بۇ كېسىكلەردىن مىكروپلار كىرىش ئارقىلىق تىل ياللۇغى، كالپۇك ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ.
  3. چىش مىلىك ياللۇغى: تىرناق يىيىشكە ئادەتلىنىپ قالغاندا، يۇقارىدا تىلغا ئالغان ياللۇغلاردىن سىرت، چىش مىلىك ياللۇغى، چىش ئەتراپ ياللۇغى، چىش يىلىك ياللۇغى بولۇش ئىھتىماللىقىمۇ بولىدۇ. ۋىرۇس مىكروپلار ئاساسلىقى تىرناق، قول ئارقىلىق ئېغىز ئىچىگە كىرىدۇ.
  4. بوغۇز ياللۇغى: تىرناق يىيىشكە ئادەتلىنىپ قالغان بالىلاردا بەزىدە بوغۇز ياللۇغى، ئاڭگىنا كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
  5. تىرناق شەكلى ئۆزگىرەش: تىرناق يىيىشكە ئادەتلىنىپ قالغانلارنىڭ شۇ بارماق تىرنىقىدا شەكىل ئۆزگىرىش پەيدا بولۇپ، كۆرۈمسىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
  6. ئىچ مىجەز بولۇپ قېلىش: ئەگەر بالىسى تىرناق يىيىشكە ئادەتلىنىپ قالغاندا، ئاتا ئانىلىرى بالىسىنىڭ تۈزىتىشى ئۈچۈن توغرا بولمىغان ئۇسۇللارنى ئىشلەتكەندە (مەسىلەن ۋاقىراپ – جاقىراش، دۈشكەللەش، كەمسىتىش ئۇسۇللىرى) بالا تىرناق يىيىش ئادىتىنى تۈزىتىشنىڭ يېرىگە تېخىمۇ ئاسان جىددىيلىشىدىغان، ئىچ مىجەز بولۇپ قېلىش مۇمكىن.

 

بالىلاردىكى تىرناق يىيىش ئەھۋالىنى قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك؟

تىرناق يىيىشكە ئادىتى بار بالىلار كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۆزلۈكىدىن بۇ ئادىتىدىن قول ئۈزىدۇ. پەقەت قىسمەن بالىلاردا تىرناق يىيىش ئادىتى داۋام قىلىشى مۇمكىن. بۇ تۈردىكى بالىلارغا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىشنى ئويلىشىپ بېقىش كېرەك:

  1. بالىڭىز بىلەن سىردىشىڭ.

تىرناق يىيىشكە ئادەتلىنىپ قېلىشنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى روھىي بېسىمدۇر. بۇ روھىي بېسىم ھەرقانداق بىر يەردىن ، كىشىدىن كېلىشى مۇمكىن. بەلكىم تاپشۇرۇقتىن، سىزدىن، دادىسىدىن (ئاپىسىدىن)، ئوقۇتقۇچىسىدىن، دوستلىرىدىن، بىرەر كۈندە كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان ئۇرۇق تۇققاندىن بولۇشى مۇمكىن. بۇلار بەلكىم بىلىپ بىلمەي قىلغان ئىش پائالىيەتلىرى، سۆز ئىبارىلىرى بۇ بالىغا روھىي بىسىم بولۇپ قالغان ، بۇ سەۋەبتىن بالا تىرناق يىيىش ئارقىلىق شۇ ئىچ تىت-تىتلىقنى راھەتلىنىشكە كۆنۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋاللارنى بالىڭىز بىلەن قايتا قايتا سىردىشىش ئارقىلىق تېپىپ چىقىشقا تىرىشىڭ.

 

  1. تىرنىغىڭنى يىمە، يىسەڭ دۆت بولۇپ قالىسەن دەپ ۋاقىرىماڭ.

بالىڭىزنى ئەيىپلىمەڭ، جازالىماڭ. ھازىرچە تىرناق يىسە دۆت بولۇپ قالىدىغاننى ئىسپاتلايدىغانغا ھىچقانداق بىر ئىلمى ماقالە يوق. شۇڭا بالىڭىزغا تەربىيە بەرگەندە، كەمسىتىش، دۈشكەللەش، غورورىغا تىگىش شەكلىدە ۋاقىراش ئۇسۇللىرىنى قوللانماڭ. بالىڭىزغا ناھايىتى سەۋىرلىك بىلەن چىرايلىقچە ئەسكەرتىڭ. كۆرگەن ۋاقىتتىلا چاندۇرماي چىرايلىقچە ئەسكەرتىڭ. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق، ھەم بالىڭىزنىڭ غورورى كۈچلىنىدۇ، سىزنىڭ ئۇنىڭغا توغرا ئۇسۇلدا ياردەمدە بولالايدىغانلىقىڭىزغا، ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ ئۆزگەرتەلىشىگە ئىشىنىدىغانلىقىڭىزنى چۈشىنىپ يىتىدۇ، بۇ ئادىتىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىشقا باشلايدۇ ۋە تۈزىتىشكە تىرىشىدۇ.

 

  1. بالىڭىزنى ياخشى كۈزىتىپ بېقىڭ.

بالىڭىز قانداق ۋاقىتتا تىرناق يەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلىپ بېقىڭ. تاپشۇرۇق ئىشلىگەندىمۇ؟ تەنقىتكە ئۇچرىغاندىمۇ؟ كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ؟ بىرەرسى گەپ قىلغاندىمۇ؟ بىرەر فىلىم كۆرۈۋاتقاندىمۇ؟ سىز تاپشۇرۇقىنى توغرىلاپ بېرىۋاتقان چاغدىمۇ؟ بىرەر كىتاپ ئوقۇۋاتقان چاغدىمۇ؟ …. قايسى ۋاقىتتا تىرنىقىنى يەۋاتقانلىقىنى تېپىپ چىقسىڭىز، تۈزىتىشىگە تېخىمۇ ياخشى ياردەمدە بولالايسىز. بۇ قارا-قۇيۇق ۋاقىراپ، مەجبۇرى تۈزىتىسەن دىگەندىن كۆپ ئەۋزەل.

 

  1. بالىڭىزنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىڭ.

مەكتەپكە كىرگەن بىر ئوقۇغۇچى بالا، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا مۇئەللىمى ۋە ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە بولىدۇ. مۇئەللىم بالىڭىزنى ئەڭ ياخشى كۈزىتەلەيدىغان بىر كىشى. شۇڭا بالىڭىزنىڭ تىرناق يەيدىغان ئەھۋالىنى مۇئەللىمى بىلەن بىللە مۇزاكىرىلىشىپ تۇرۇپ چارە ئىزدىسىڭىز، ئىشلار تېخىمۇ ئاسان ھەل بولىدۇ.

 

  1. بالىڭىزنىڭ دوستلىرىغىمۇ دىققەت قىلىپ قويۇڭ.

بالىلارنىڭ تىرناق يىيىشتىكى ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولسا، تەقلىت قىلىشتۇر. يەنى ئەتراپىدىكى بەزى دوستلىرى ئەگەر تىرناق يىيىش ئادىتى بولسا، بالىڭىزمۇ بىلەر بىلمەستىن تىرناق يىيىشكە ئادەتلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا، بالىڭىزغا توغرا چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە، ئەگەر كېرەك بولغاندا، ئۇ دوستىنىڭ ئاتا-ئانىسىغىمۇ ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بەك ياخشى بولىدۇ.

 

  1. بالىڭىزنىڭ كۆرۈۋاتقان فىلىم، قونچاقلىرىغا دىققەت قىلىپ قويۇڭ.

ھازىر پەن تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، تېلېفوندا فىلىم كۆرۈش ناھايىتى بىر ئادەتتىكى ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالدى. بالىلار تېلېفوندا ھەركۈن دىگۈدەك ئازدۇر كۆپتۇر فىلىم، قونچاق كۆرىدۇ. كۆپىنچە قونچاقلارنىڭ سۈپىتى ياخشى، قالايمىقان مەزمونلار بولمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا مەزمونى ناچار، ئەخلاقسىز ۋە يامان ئادەتتىكى مەزمون، سۈرەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فىلىملەر بالىلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ قالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە دەل تىرناق يەيدىغان ھەرىكەتلەر بولسا بالىلارمۇ بىلىپ بىلمەي ئۆگىنىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئاندا ئاندا بالىلارنىڭ كۆۈۋاتقان فىلىملىرىنى، قاناللىرىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشقا ئادەتلىنىڭ.

 

  1. بالىڭىزنىڭ تىرناقلىرىنى ۋاقتىدا ئېلىپ تۇرۇڭ ھەم كۈزىتىپ تۇرۇڭ.

بالىلارنىڭ تىرناق يىيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بالىڭىزنىڭ تىرناقلىرىنى كۈزىتىپ تۇرۇڭ ۋە ۋاقتىدا ئېلىپ تۇرۇڭ. بەزى بالىلارنىڭ تىرناقلىرى ئۆسۈپ چىققاندىن كېيىن، يىيىش سەۋەبلىك بىر قىسىم پارچىلىرى كەمتۈك بولۇپ قالىدۇ، بۇنى كۆرگەندە بالىنى ئەيىپلەش ئەمەس بەلكى توغرا چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە تىرنىقىنى ئېلىپ تۇرۇڭ. نورمالدا تىرناق 1-2 ھەپتىدىلا ئۆسۈپ چىقىدۇ.

 

تىرناق يىسەڭ دۆت بولۇپ قالىسەن دىگەن راسىت ئىشمۇ؟

ئالدىدا دەپ ئۆتكەندە، ھازىرغىچە تېخى تىرناق يىيىش بىلەن دۆت بولۇپ قېلىش بۇ ئىككى ئەھۋال ئارىسىدا مۇقەررەر سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بارلىقى تېخى ئىسپاتلانمىدى دەپ بىلىمەن( ياكى مەن كۆرمىگەن بولۇشۇم مومكىن). ئەمما ئاسان جىددىيلىشىش سەۋەبلىك تىرناق يەيدىغان بولۇپ قالغان بالىلارنىڭ بەزىلىرىدە ئوقۇش نەتىجىسى تۆۋەن، بۇنىڭ سەۋەبى تىرناق يىگەنلىك سەۋەبتىن ئەمەس، بەلكى توغرا بولمىغان ئۆگىنىش ئۇسۇلى سەۋەبلىك ئوقۇشتا يىتىشەلمەسلىك،ئاندىن نەتىجىسى تۆۋەن بولۇش ۋە بۇ سەۋەبتىن جىددىيلىشىش كېلىپ چىقىش، بۇ جىددىيلىشىش سەۋەبلىك ئاندىن تىرناق يەيدىغان بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بىر قاراشتا، تىرناق يەيدىغانلار دۆت ئىكەن دىگەن بىر خاتا كۆز قاراش كىشىلەر ئارىسىدا ئاز تولا ئومۇملىشىپ قالغاننىڭ سەۋەبىدۇر.

 

تىرناق يىيىشنىڭ سەۋەبى ۋىتامىن كەمچلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ دىگەن كۆز قاراش توغرىمۇ؟

ھازىرچە بۇنى ئىسپاتلاپ چىققىنى يوق. تىرناق يىيىشنىڭ سەۋەبى ھازىرقى غەرىپ مېدىتسىنادا ، بالىلارنىڭ روھىي كەيپىياتىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ.

تەييارلىغۇچى: نۇرمەمەت دوختۇر

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
7
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-06-01

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-06-02 / 12:20:10

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ