قىزلاردىكى جىنسىي بالدۇر پىشىش (Precocious Puberty)
بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى ھەر بىر ئاتا-ئانىنى ئەڭ كۆپ ئەندىشىگە سالىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. نورمال ئەھۋالدا، قىزلار 8 ياشتىن 13 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىگە قەدەم قويىدۇ. لېكىن، بەزى قىزلاردا بۇ فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر 8 ياشتىن بۇرۇن باشلىنىپ كېتىدۇ. ئەگەر قىزىڭىزدا 8 ياشتىن بۇرۇن قولتۇق ئاستى ۋە جىنسىي ئەزا ئەتراپىدا تۈك ئۆسۈش، كۆكرەكنىڭ چوڭىيىشى ياكى تۇنجى ھەيىز ئادەت كېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بۇ «جىنسىي بالدۇر پىشىش» نىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا، ئالدىراپ-تېنەپ قورقۇپ كېتىشنىڭ ئورنىغا، ئىلمىي ئۇسۇللار ئارقىلىق مەسىلىنى توغرا چۈشىنىش ۋە ھەل قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.
ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى : جىنسىي بالدۇر يىتىلىش ، بالدۇر بالاغەتكە يېتىش
ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى : Precocious Puberty
تۈركچە ئاتىلىشى : Erken ergenlik
خەنزۇچە ئاتىلىشى : 性早熟
جىنسىي بالدۇر پىشىش كۆرۈلگەندە قانداق قىلىش كېرەك؟
ئەگەر پەرزەنتىڭىزدە يۇقىرىقىدەك بالدۇر يېتىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، دەرھال تۆۋەندىكى قەدەملەرنى بېسىڭ:
- دەرھال دوختۇرغا مۇراجىئەت قىلىڭ: ئەڭ مۇھىم ۋە بىرىنچى قەدەم بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرى ياكى بالىلار ئىچكى ئاجراتما (Pediatric endocrinology) بۆلۈمىدىكى مۇتەخەسسىس دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈش كېرەك. ئاتا-ئانىلار ئۆز بېشىمچە ھۆكۈم چىقارماسلىقى كېرەك. دوختۇر بالىنىڭ ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، توغرا دىئاگنوز قويىدۇ. كېرەك بولغاندا ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى دوختۇرى بالاغەت كېچىكتۈرۈش ھورمون دورىسى ۋەيا بوي ئۆستۈرۈش دورىسى بېرىشى مۇمكىن. ئامال بار دوختۇرغا كۆرۈنۈشنى كېچىكتۈرمەڭ.
- سۆڭەك يېشىنى (Bone Age) تەكشۈرتۈڭ: دوختۇرلار ئادەتتە سول قول بىلەك قىسمىنى رېنتىگېن نۇرىدا سۈرەتكە تارتىش ئارقىلىق سۆڭەك يېشىنى باھالايدۇ. جىنسىي بالدۇر پىشىش ئەھۋالىدا، بالىنىڭ سۆڭەك يېشى ھەقىقىي يېشىدىن چوڭ چىقىدۇ. بۇ كەلگۈسىدىكى بوي ئېگىزلىكىگە قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچتۇر.
- باشقا تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىڭ: دوختۇر بالىياتقۇ ۋە تۇخۇمداننىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى (B-ultrasound) تەكشۈرۈشىنى، شۇنداقلا قاندىكى جىنسىي ھورمون (Sex hormone) سەۋىيەسىنى ئۆلچەشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. بۇ تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق جىنسىي بالدۇر پىشىشنىڭ تۈرى ۋە سەۋەبى ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ.
- بالىغا پسىخىكىلىق جەھەتتىن ياردەم بېرىڭ: بالدۇر يېتىلگەن بالىلار جىسمانىي جەھەتتىن تەڭتۇشلىرىدىن پەرقلىنىپ قالغاچقا، ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلىشى، خىجىل بولۇشى ياكى باشقىلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى مۇمكىن. ئاتا-ئانىلار بالىسى بىلەن ئوچۇق-يورۇق سۆھبەتلىشىپ، بۇنىڭ نورمال بىر فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە ئىكەنلىكىنى، پەقەت ۋاقتىنىڭ سەل بالدۇر كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى بېرىشى كېرەك.
جىنسىي بالدۇر پىشىشنىڭ يان تەسىرلىرى ۋە زىيىنى
جىنسىي بالدۇر پىشىشقا ۋاقتىدا ئارىلىشىش داۋالاش قىلىنمىسا، بىر قاتار ناچار تەسىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن:
- بويى قىسقا بولۇپ قالىدۇ: بۇ ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ۋە ئەڭ مۇھىم يان تەسىردۇر. جىنسىي ھورمونلار سۆڭەكنىڭ تېز ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، سۆڭەك ئۆسۈش سىزىقى – ئېپىفىز سىزىقى (Epiphyseal plate) بالدۇر ئېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە، بۇ بالا دەسلەپكى يىللاردا تەڭتۇشلىرىدىن ئېگىز بولغان بىلەن، سۆڭەك ئۆسۈش سىزىقى بالدۇر تاقىلىپ كەتكەچكە، ئۆسۈش ۋاقتى قىسقىراپ، ئاخىرقى بوي ئېگىزلىكى ئۆز يېشىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە بويىدىن پاكار بولۇپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. بۇ بالاغەتكە بالدۇر بېرىپ قېلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم يان تەسىرى ھىساپلىنىدۇ.
- پسىخىكىلىق ۋە ئىجتىمائىي بېسىم: بەدىنىدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن، بالا ئۆزىنى باشقىلاردىن پەرقلىق ھېس قىلىپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەنلەپ كېتىشى، ئىجتىمائىي ئالاقىسى ناچارلىشىشى ۋە تەشۋىشلىنىش قاتارلىق روھىي مەسىلىلەرگە يولۇقۇشى مۇمكىن.
- بالدۇر جىنسىي مۇاسنۋەت ئېلىپ بېرىش خەۋپى: فىزىكىلىق جەھەتتىن چوڭ بولغاندەك، بالدۇر يېتىلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ روھىي ۋە ئەقلىي يېتىلىشى يەنىلا شۇ ۋاقتىدىكى بالىلارنىڭ يېشىغا ماس كېلىدۇ. شۇڭا، ئۇلار ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى ھىلىھەم ئاجىز بولۇپ، بالدۇر جىنسىي مۇناسىۋەتكە كىرىپ قېلىش خەۋپى يۇقىرى بولىدۇ.
ئاتا-ئانىلار بالىلىرى توغرىسىدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
بالىنىڭ جىنسىي بالدۇر پىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش جەريانىدا، ئاتا-ئانىلار تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك:
- يېمەك-ئىچمەك: ھورمون قوشۇلغان يېمەكلىكلەردىن، مەسىلەن، دۇكانلاردا سېتىلىدىغان ئالدىن پىششىقلىنىپ ئىشلەنگە بەزى تېز پىشىدىغان گۆش مەھسۇلاتلىرى، تاتلىق تۈرۈملەر ، ماروژنا ، تەييار چۆپ ، قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان دورا-دەرمەكلەر ، ئىچىملىكلەر ۋە زىيادە كۆپ ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدىن يىراق تۇرۇش كېرەك. مايلىق، قورۇلغان ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىپ، كۆكتات، مېۋە-چېۋە ۋە ئاقسىلغا باي تەبىئىي يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك بېرىش لازىم.
- تۇرمۇش ئادىتى: بالىنىڭ يېتەرلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى ئۆسۈش ھورمۇنى (Growth hormone) ئاساسلىقى كېچىدە ئۇخلىغاندا بەدەندىن ئاجرىلىپ چىقىدۇ. كېچىدە ئۇزۇن ۋاقىت يورۇق چىراغ ئاستىدا ئولتۇرۇش جىنسىي بالدۇر پىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
- جىسمانىي ھەرىكەت: بالىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، مەسىلەن، سەكرەش، ۋاسكېتبول ئويناش قاتارلىق ھەرىكەتلەر سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق. سېمىزلىك جىنسىي بالدۇر پىشىشنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولغاچقا، نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش كېرەك.
- مۇھىت تەسىرى: بالىنىڭ مۇھەببەت ۋە جىنسىيەتكە ئائىت كىنو-فىلىم، كىتاب-ژۇرناللارغا بالدۇر ئۇچرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
قىزلاردىكى جىنسىي بالدۇر پىشىش كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مەسىلە. ئاتا-ئانىلار بۇ ھەقتە ئىلمىي بىلىمگە ئىگە بولۇپ، بالىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، مەسىلە كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالاش ۋە تۇرمۇش رىتىمى تەڭشىسە، كۆپىنچە يان تەسىرلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.