دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.
دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

ئانا سەھىپەئۇچۇر خەۋەرلەرتەتقىقات ۋە ئىزدىنىشسۈنئىي ئىدراك كېسەللەرگە دىئاگنوز قويۇشتا دوختۇرلارنى بېسىپ چۈشمەكتە

سۈنئىي ئىدراك كېسەللەرگە دىئاگنوز قويۇشتا دوختۇرلارنى بېسىپ چۈشمەكتە

خارۋارد تىببىي فاكۇلتېتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان يېڭى بىر تۈرلۈك تەتقىقات، سۈنئىي ئىدراك سىستېمىلىرىنىڭ يۇقىرى بېسىم ئاستىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈملىرىدە دوختۇرلارغا قارىغاندا تېخىمۇ توغرا دىياگنوز قويالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرناللارنىڭ بىرى بولغان «Science»دا 4-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەر، تېببىي دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغىدى ۋە كەلگۈسىدىكى داۋالاش ئەندىزىسى ھەققىدە يېڭى مۇنازىرىلەرنى باشلىدى.

مەزكۇر تەتقىقاتتا سۈنئىي ئىدراك مودېللىرى بىلەن يۈزلىگەن تەجرىبىلىك دوختۇرلارنىڭ ئىقتىدارى سېلىشتۇرۇلغان. بوستوننىڭ بىر دوختۇرخانىسىدىكى 76 بىمارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ئاساس قىلىنغان بۇ سىناقتا، ھەم سۈنئىي ئىدراكقا، ھەم دوختۇرلارغا بىمارلارنىڭ ھاياتلىق بەلگىلىرى ۋە سېسترالارنىڭ خاتىرىلىرىدىن تەركىب تاپقان ئۆلچەملىك ئېلېكترونلۇق ساغلاملىق خاتىرىلىرى تەمىنلەپ بېرىلگەن. نەتىجە ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بولۇپ، تېخنىكىنىڭ كلىنىكىلىق تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئىسپاتلىغان.

سۈنئىي ئىدراك كېسەللەرگە دىئاگنوز قويۇشتا دوختۇرلارنى بېسىپ چۈشمەكتە

 

سىناق نەتىجىسى: سۈنئىي ئىدراك بىلەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ رىقابىتى

تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، سۈنئىي ئىدراك %67 ئەھۋالدا توغرا دىياگنوزغا ئەڭ يېقىن نەتىجىلەرنى بەرگەن. ئەمما تەجرىبىلىك دوكتورلارنىڭ دىياگنوز قويۇش نىسبىتى %50 تىن %55 ئەتراپىدا قالغان. بولۇپمۇ چەكلىك ئۇچۇر بىلەن تېز قارار چىقىرىشقا توغرا كېلىدىغان جىددىي قۇتقۇزۇش تۇنجى تەكشۈرۈش (triyaj) ئەھۋاللىرىدا، سۈنئىي ئىدراك تەمىنلىگەن تەھلىللەرنىڭ ئىنسان مۇتەخەسسىسلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى كۆزىتىلگەن.

بۇ جەرياندا سۈنئىي ئىدراك سىستېمىلىرىنىڭ تۈمەنلىگەن كېسەللىك ئەھۋاللىرىنى ۋە دۇنيا مىقياسىدىكى تېببىي ئەدەبىياتلارنى سېكۇنت ئىچىدە سېلىشتۇرالايدىغانلىقى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى دەپ قارالماقتا. سىناققا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئىنسان مېڭىسىنىڭ ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى ۋە بېسىم ئاستىدا ئۇچۇرلارنى ئۇنتۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى سۈنئىي ئىدراكقا قارىغاندا تۆۋەنرەك بولىدۇ، بۇ بولسا دىئاگنوز قويۇش جەريانىدا خاتالىق سادىر بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

 

كلىنىكىلىق تەپەككۇر قىلىش ۋە داۋالاش پىلانى

تەتقىقاتنىڭ يەنە بىر كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەرىپى ئۇزۇن مۇددەتلىك داۋالاش پىلانىنى تۈزۈش جەريانىدا ئاشكارىلانغان. ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىشلىتىش تەرتىپى ۋە ھالقىلىق داۋالاش باسقۇچلىرىنى پىلانلاش مەسىلىسىدە سۈنئىي ئىدراك %89 مۇۋەپپەقىيەت نومۇرى ئالغان. سېلىشتۇرما قىلىنغاندا، ئىزدەش موتورلىرىغا ئوخشاش ئەنئەنىۋى مەنبەلەردىن پايدىلانغان دوختۇرلار پەقەت %34 نومۇردا قالغان. بۇ ئەھۋال سۈنئىي ئىدراكنىڭ پەقەت بىر سوئال-جاۋاپ پروگراممىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى مۇرەككەپ كلىنىكىلىق ۋەزىيەتلەرنى تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلەر بۇ نەتىجىلەرنى تېببىي داۋالاش تارىخىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ باھالىماقتا. بولۇپمۇ دوختۇلارنىڭ كۆزىدىن قېچىپ كېتىشى مۇمكىن بولغان ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىك تارىخلىرىنى سۈنئىي ئىدراكنىڭ تېزلا بايقاپ چىقىشى، نۇرغۇن ھاياتلارنى ساقلاپ قېلىشقا شارائىت يارىتىدۇ. بۇ تېخنىكا بىمارنىڭ ئۆتمۈشتىكى مىڭلىغان ساغلاملىق خاتىرىسىنى بىر نەچچە مىللىسېكۇنت ئىچىدە تەكشۈرۈپ، نۆۋەتتىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى بىلەن باغلىنىشىنى ئېنىقلاپ چىقالايدۇ.

 

سۈنئىي ئىدراك دوختۇرلارنىڭ ئورنىنى ئالامدۇ؟

گەرچە سۈنئىي ئىدراك سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىشتا ئۈستۈن تۇرسىمۇ، ئەمما مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ دوختۇرلارنىڭ كەسپىنى قولىدىن ئېلىپ قويىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. نۆۋەتتىكى مودېللار تېخى بىمارنىڭ جىسمانىي كۆرۈنۈشىنى، سۆزلەش ئۇسلۇبىنى، بېسىم دەرىجىسىنى ياكى كۆرۈنۈشچان ئالامەتلىرىنى بىۋاسىتە كۆزىتىپ ئانالىز قىلالمايدۇ. ئۇ پەقەت تېكىست ۋە سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن «ئىككىنچى پىكىر» بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تەتقىقات ئاپتورلىرىنىڭ مۆلچەرىچە، كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە تېببىي ساھەدە «دوختۇر، بىمار ۋە سۈنئىي ئىدراك»تىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپلىك ھەمكارلىق ئەندىزىسى شەكىللىنىدۇ. سۈنئىي ئىدراك دوكتورلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدىغان، دىياگنوز خاتالىقىنى ئازايتىدىغان بىر ياردەمچى قورالغا ئايلىنىدۇ. قانۇنىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتە تېخى بىر قىسىم كەمچىلىكلەر بولسىمۇ، لېكىن تېخنىكىنىڭ داۋالاش ئەمەلىيىتىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرىدىغان چوڭقۇر بىر ئۆزگىرىشنى باشلىغانلىقى ھەممەيلەن تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنماقتا. بۇ يېڭىلىق بولۇپمۇ داۋالاش بايلىقى قىس رايونلاردا بىمارلارنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك مۇلازىمەتكە ئېرىشىشىگە يول ئاچىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2026-05-23

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2026-05-23 / 02:42:54

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ