ئوتتۇرا ياشتىكى كىشىلەر ئۆت يولى ياللۇغى ، ئۆت تېشى كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ بولۇپمۇ 45~50 ياش ئەتراپىدىكىلەردە ئەڭ كۆپ بولىدۇ ، ئۆت يولى ياللۇغى بىلەن ئۆت تېشى كېسىلى قوشۇلۇپ كېلىدۇ ئۆت خالتىسى جىگەرنىڭ ئاستىغا جايلاشقان بولۇپ ، ئۆت سۇيۇقلۇقى س
ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ مەلۇم قىسمى ئۆت خالتىسى ئىچىدە ساقلىنىدۇ ، ئۆت يولى ياللۇغلانسا ياكى پارازىت قۇرتلار ئۆت يولىنى توسىىسا ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېقىشى راۋان بولماي ، ئۆت سۇيۇقلۇقى ئۆت خالتىسىغا يىغىلىدۇ . ئۆت سۇيۇقلۇقىدىكى خولىستىرىن ۋە ئۆت بوياقلىرى چۆكۈپ تاش ھاسىل قىلىدۇ . ئۆت يولىدىكى باكتېرىيە ، پارازىت تۇخۇمى ، ئۆلگەن پارازىت قۇرتلار ئۆت تېشىنىڭ يادروسى بولۇپ ،ئاستا -ئاستا تاش بولۇپ شەكىللىنىدۇ .
ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە ، ھەرىكەت ئاز بولۇپ ، ئادەم تاماقنى كۆپ يەيدۇ-دە ، ئۆت سۇيۇقلۇقىدىكى خولىستېرىن ۋە ئۆت بوياقلىرىنىڭ مىقدارى ئېشىپ كېتىپ ، ئۆت تېشىنىڭ شەكىللىنىشىگە قولايلىق شارائىت تۇغدۇرىدۇ ھەم ئۆت تېشىنى شەكىللەندۈرىدۇ .
ئەگەر قورساقنىڭ يۇقىرىقى ئوڭ تەرىپى قوزغىلىشچان ئاغرىسا ، دوختۇرغا كۆرۈنۈپ ، Bتىپلىق ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى ئاپپاراتى(Bچاۋ ، B超)بىلەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوز ئېنىق بولىدۇ . ئۆت تېشىنى ئوپىراتسىيە بىلەن داۋالىغىلى بولىدۇ .