كۆكتاتلارنىڭ دورىلىق رولى

0
1850
كۆكتاتلارنىڭ دورىلىق رولى

زەنجىۋىل مۆتىدىل تەرلىتىپ ، كۆڭلى ئېلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، زەھەر قايتۇرىدۇ .

كەرەپشە قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ ، تىنىچلاندۇرىدۇ ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ ، ئاۋازنى ياخشىلاپ ، ئاغرىق توختىتىدۇ.

تەرخەمەك ئىسسىقنى ياندۇرۇپ ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ ، زەھەر قايتۇرىدۇ ۋە چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ .

كۆك كاۋا تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ ، ئىششىق ياندۇرىدۇ ، يۆتەل توختىتىپ ، بەلغەم ھەيدەيدۇ .

پالەك ئۈچەيگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ .

پۇرچاق ئۈندۈرمىسى ئىسسىقنى ياندۇرۇپ ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

ئاق تۇرۇپ ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ ، يۆتەل توختىتىپ ، بەلغەم بوشىتىپ ، يەل ھەيدەپ ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ . ئىسسىقنى ياندۇرىدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here