زەھەر چەككۈچىلەر زەھەرگە خۇمار بولغاندىن كېيىن زەھەرنى ۋېناغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشقا ئادەتلىنىدۇ ھەم شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىدۇ. ئۇلار ئورتاق ئىشلەتكەن شپىرىس دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغاچقا، ئۇنىڭدا ئەيدىز ۋىرۇسى بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا، ئەيدىز ۋىرۇسى قان ئارقىلىق بىرىدىن يەنە بىرىگە يۇقىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇلار ئىشلەتكەن سۇيۇقلاندۇرۇش، ئايرىپ قاچىلاش ئەسۋابى، قان توختاتقۇچى بوغقۇچ قاتارلىقلارمۇ HIV بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن، شۇڭا بۇ نەرسىلەرنى ئىشلىتىشمۇ ئوخشاشلا خەتەرلىك.
زەھەر ئىستېمالىدىكى خەتەرلىك قىلمىشلار: 1. ئورتاق ئىشلىتىش باشقىلار ئىشلەتكەن شپىرىس ياكى يىڭنىنى بىۋاسىتە ئىشلىتىش؛ 2. ۋاسىتىلىك ئىشلىتىش. زەھەرنى ۋېناغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرغۇچىلار باشقىلار ئىشلىتىپ قويغان سۇ، زەھەر ئېرىتىش قاچىسى، پاختا شارچىسى ۋە قوشۇقنى ئىشلىتىش؛ زەھەرنى ۋېناغا ئوكۇل قىلغۇچىلار بىلەن زەھەرنى تەڭ تەييارلاش ۋە تەڭ ئىشلىتىش.
3. خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەتلەر. بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماي جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، كۆپ جىنسىي ھەمراھلىق بولۇش، جىنسىي كېسىلىنى، بولۇپمۇ جىنسىي يارىسىنى داۋالاتماسلىق بىلەن بىللە خروئىن ۋە ئىسپىرتنى تەڭ ئىشلەتكەندە خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ خەتەرلىك دەرىجىسى تېخىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.
زەھەر چەككۈچىلەر زەھەرنىڭ خەتىرىنى ئازايتىش ۋە تىزگىنلەش ئۈچۈن: 1. زەھەر تاشلىشى، زەھەر چىكىشنى توختىتىشى كېرەك. 2. زەھەرنى ۋېناغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرغۇچىلار زەھەر تاشلىيالمىسا، ئوكۇلنى توختىتىشى كېرەك. 3. ئوكۇل قىلىشنى توختىتالمىسا، شپىرىس، يىڭنە ۋە باشقا ئەسۋابلارنى ئورتاق ئىشلىتىش ياكى تەكرار ئىشلىتىشنى توختىتىشى كېرەك. 4. شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش ياكى تەكرار ئىشلىتىشنى توختىتالمىسا، زەھەرنى ھەر بىر قېتىم ئوكۇل قىلىشتىن بۇرۇن شپىرىسنى تولۇق دېزىنفېكسىيە قىلىشى كېرەك.
دېزىنفېكسىيە قىلىشنىڭ قەدەم – باسقۇچلىرى: 1. پاكىز سۇ بىلەن يىڭنە ۋە شپىرىسنى يۇيۇش. 2. بىر خالتا ئاقارتىش تالقىنىغا ئون ھەسسە سۇنى ئارىلاشتۇرۇپ، يىڭنە ۋە شپىرىسنى سۇغا 30 مىنۇت چىلاپ قويۇش. 3. پاكىز سۇ بىلەن بىر نەچچە قېتىم يۇيۇش.
مەنبە:
شىنجاڭ گېزىتى