ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقئانار - يۈرەك كېسىلىنىڭ ياخشى دورىسى

ئانار – يۈرەك كېسىلىنىڭ ياخشى دورىسى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئانار يۈرەك رېتىمى نورمال بولمىغان كىشلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ناھايتى باپ كېلىدۇ

ئانار شەربىتىنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار بار بولۇپ ، بۇ ماددىلار قان تومۇر دىۋارىدا ياغلارنىڭ توپلىنىشىنى ئازايتىپ قان تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئالىملار تەتىقىقات ئارقىلىق ئانارنىڭ يۈرەكنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان . ئامېرىكا تېببىي ئالىملىرىنىڭ‹‹كېلىنكىلىق ئوزۇقلۇق ئىلىمى››ژورنىلىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە،ئارتىرىيە قېتىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان يۈرەك كېسەللىكلىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا ئۈزۈم ھارىقىغا قارىغاندا ئانار شەربىتىنىڭ رولى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.

ئەگەر بىر ئىستاكان ئانار شەربىتى ئىچىشنى ئۇدا ئىككى ھەپتە داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە ، خولىستىرىننىڭ ئوكسىدلىنىشى%40 ئازىيىپ ، چۆكمە ماددىلارنىڭ يىغىلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئارتىرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن . قۇرۇتۇلغان ئانار ئۇرۇقىدىن ئېلىنغان ئانار كېسلاتاسىنىڭ مىقدارى%80 كە يېتىدۇ ، بۇ ئادەمنىڭ ئىممۇنتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتىكى ئېسىل دورا ھېسابلىنىدۇ.

ئانارنىڭ يەنە قىزىتمنى پەسەيتىش ، زەھەرنى ھەيدەش ، جىگەرنى ياخشىلاش ، قان تولۇقلاش ، قاننى جانلاندۇرۇش ، دەم سىقىشنى پەسەيتىش روللىرىمۇ بار. ئۇنىڭدىن باشقا ئانار گۈلى ۋە ئانار ئۇرۇقى ئىچى سۈرۈش، قان توختىتىش، ئاياللاردىكى ھەيىز ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىش قاتارلىقلارنى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە.

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-12-28

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-12-28 / 06:17:30

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ