دوختۇرلار ئەپ تارقىتىلدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىۋېلىڭ.

ئانا سەھىپەرەسىملەر40 ھەپتە ھامىلىدارلىقھامىلىلىكنىڭ 6-ھەپتىسى - 6 ھەپتە ھامىلە (ھەقىقىي ھامىلەلىكنىڭ 4-ھەپتىسى)

ھامىلىلىكنىڭ 6-ھەپتىسى – 6 ھەپتە ھامىلە (ھەقىقىي ھامىلەلىكنىڭ 4-ھەپتىسى)

ھامىلىلىكنىڭ 6-ھەپتىسى – 6 ھەپتە ھامىلە (ھەقىقىي ھامىلەلىكنىڭ 4-ھەپتىسى)

ھامىلىلىكنىڭ 6-ھەپتىسى

ھەقىقىي ھامىلەلىكنىڭ 4 -ھەپتىسى


بۇ ھەپتىدىن باشلاپ، تۆرەلمە بوۋاقنىڭ باش، يۈرەك، بىلەكلەرنىڭ دەسلەپكى بىخلىرى شەكىللىنىشكە باشلايدۇ.
بەدەندە تۇنجى بولۇپ ئىشقا كىرىشكەن ئورگان يۈرەك ھىساپلىنىدۇ. گەرچە تۇغۇلغان بوۋاق، قۇرامىغا يەتكەنلەرگە ئوخشاش ئىشلىمىسىمۇ، ئەمما ھىچ بولمىسا دەسلەپكى سوقۇشلار ئاستا ئاستا باشلايدۇ.

بۇ ھەپتىلەردە تۆرەلمە ھىلىھەم گۈرۈچ چوڭ كىچىكلىكىدە، شۇڭا ئۇلترائاۋازلىق تەكشۈرۈشتە كۆرگىلى بولمايدۇ. بوۋاقنىڭ جىنسىيەتى گەرچە ئالدىنقى ھەپتىلەردىلا مۇقىملىشىپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلترائاۋازلىق تەكشۈرۈشتە نورمالدا 12-16 ھەپتىلەردە ئاندىن بىلگىلى بولىدۇ.

بۇ ھەپتىدە ھىلىھەم ئانىلار، دوختۇرلارنىڭ رۇخسىتىسىز دورا ئىچمەسلىك، سوغۇق ئىچىملىك، ئاچچىق چۈچۈك سوغۇق يىمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش، روھىي كەيپىياتنى ياخشى تەڭشەش، چېچىلماسلىق، ئېغىر جىسمانىي ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش لازىم.

ئانىلاردا ئالدىنقى ھەپتىلەردە بولۇۋاتقان ھارغىنلىق، كەيپىيات تۇراقسىزلىشىش، ئىشتىھا ئۆزگىرىش، ھۆ تۇتۇش قاتارلىق ئالامەتلەر داۋام قىلىدۇ. بۇ ھەپتىلەردە ئىچ كىيىمدە رەڭگى ئادەت قېنىغا ئوخشاش، ئەمما مىقتارى ناھايىتى ئاز بىرقانچە تامچە قان دۇغلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. گەرچە بۇ ئەھۋال كۆپىنچە نورمال بولسىمۇ ئەمما ھەر ئىھتىمالغا قارشى، ئەگەر قان كۆرسىڭىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۇغۇت بۆلۈمىگە ۋەيا مۇنتىزىم جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە (بۇ بۆلۈم ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى بىلەن كۆرۈشىدۇ) بېرىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

بۇنىڭدىن سىرت ئالدىنقى ھەپتىلەردە قىلىنغان تەۋسىيەلەرنىمۇ كۆرۈپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-07-02

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2026-04-01 / 10:27:53

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ