دوختۇرلار تورى

تەن ساقلىق زور بايلىق

ھامىلىلىكنىڭ 4-ھەپتىسى – 4 ھەپتە ھامىلە (ھەقىقىي ھامىلەلىكنىڭ 2-ھەپتىسى)

ھامىلىلىكنىڭ 4-ھەپتىسى

ھەقىقىي ھامىلەلىكنىڭ 2 -ھەپتىسى

 
ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ئۇرۇقلانغان تۇخۇم غەلىبىلىك ھالدا بالىياتقۇغا قونۇپ بولدى. بۇ ھەپتىدە، ئاساسلىقى بالىياتقۇنىڭ قونغان يېرىگە مەھكەم تۇتۇنۇپ، كۆمۈلۈشكە باشلايدىغان بىر دەۋىر ھىساپلىنىدۇ.
 
بالىياتقۇ تېمىغا كۆمۈلۈش جەريانىدا، تۆرەلمە پۈۋەكچىسىنىڭ ئەتراپىدىكى ھۈجەيرىلەردە ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، شۇ مۇھىتقا ماسلىشىشقا تىرىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە بالىياتقۇمۇ ئۆزىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، تۆرەلمىگە ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشقا تىرىشىدۇ.
 
11-12 كۈنلىرى تامامەن كۆمۈلۈپ بولىدۇ. بالىياتقۇنىڭ شۇ جايلاردىكى قىل قان تومۇرلارغا يېقىنلىشىشقا باشلايدۇ. قان تومۇرلاردىن ئوزۇقلۇق ماددىلار سىڭىپ چىقىپ، تۆرەلمىگە بارىدۇ، ۋە بۇنىڭ بىرگە تۆرەلمە قونغان يەردە كىچىك قان تومۇرلار پەيدا بولۇپ، تۆرەلمە پۈۋەكچىسىگە ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈشكە باشلايدۇ. بالىياتقۇنىڭ چىقىش ئېغىزى شىلىمشىق بىر قاپقاق بىلەن ئېتىلىدۇ.
 
بۇ ھەپتىدە ئانىنىڭ بەدىنىدىكى ھورمونلاردا ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. كەيپىيات تۇراقسىزلىنىش، قۇرۇق ھۆ تۇتۇش، ئادەت كەلمەسلىك، بەدەن تېمپىراتۇراسى تۇراقسىزلىنىش، باش قېيىش … ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بولىدۇ.
 
قاندا بېتا خ ج گ ھورمونى ئاستا ئاستا يۇقىرلاشقا باشلايدۇ. بۇ ھورموننى دەل شۇ تۆرەلمە پۈۋەكچىسى تۇتۇنغان يەردىكى توقۇلمىلار ئىشلەپ چىقىرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ھامىلە سىناق تاياقچىسى ئارقىلىق ھامىلە بولغان بولمىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
مەزمون تەييارلىغۇچى: نۇرمەمەت دوختۇر
رەسىم كىرىشتۈرگۈچى: نۇرمەمەت دوختۇر
 
———————————————————
بۇ ۋاقىتتا سىزدە بەلكىم ھېچقانداق سېزىم بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن تۆرەلمە ئاللىبۇرۇن سىزنىڭ بالىياتقۇڭىزدا يېتىلىشكە باشلىدى. بۇ بىر جۈپ ئەڭ نوچى ئىسپېرما بىلەن تۇخۇمنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان ئۇرۇقلانغان تۇخۇم توختىماي ھۈجەيرىلەرگە پارچىلىنىپ، بالىياتقۇ بوشلۇقىغا يۆتكىلىپ كىرگەندىن كىيىن بىر ئۇيۇل ھۈجەيرە تويىغا ئايلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بولسا تۆرەلمە كۆپۈكچىسى دەپ ئاتىلىدۇ. تۆرەلمە كۆپۈكچىسى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى بىلەن تىگىشىپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىگە ئورۇنلىشىدۇ، بۇ «ئورۇنلىشىش» دەپ ئاتىلىدۇ. ئورۇنلىشىش ئادەتتە ھامىلىدار بولۇپ 7-6كۈندىن كىيىن باشلىنىدۇ. 12-11 كۈن ئىچىدە ئورۇنلىشىش تاماملىنىدۇ. ئورۇنلىشىش بولغاندىن كىيىن تۆرەلمە ئاستا-ئاستا چوڭىيىشقا باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا مېڭە ئاللىبۇرۇن تەرەققىي قىلىشقا باشلايدۇ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم داۋاملىق توختىماي ھۈجەيرىلەرگە پارچىلىنىپ، بىر قىسمى چوڭ مىڭىنى ھاسىل قىلىدۇ، يەنە بىر قىسمى بولسا نېرۋا توقۇلمىسىنى ھاسىل قىلىدۇ.

ھامىلدار ئانىنىڭ بۇ ھەپتىلىك زۆرۈر ئوقۇشلۇقى

بەلكىم مەلۇم بىر كۈنى ئەتىگەندە بىر نەچچە تال سىناق قەغىزىنى سىناق قىلىپ كۆرگىنىڭىزدە، ھەممىسىدىلا سىزنىڭ ھامىلدارلىقىڭىزنى ئىسپاتلايدىغان سىزىقچىلار تۇرغىنىنى كۆرىسىز، مۇبارەك بولسۇن، سىز ئانا بولىدىكەنسىزا ھازىر گەرچە سىزنىڭ بەدىنىڭىزنىڭ ئىچكى قىسمىدا بىر مەيدان ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ھامىلىدارلىق ئالامەتلىرى تولىمۇ ئاز ياكى سىز پەقەتلا بايقىيالمايسىز. كۆپ ئانىلاردا بۇ ۋاقىتتا تېخى ھېچقانداق بىنورمال سېزىم بولمايدۇ. بەزى سەزگۈر ئانىلار چارچاش، كۆكسى يۇمشاش، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق قاتارلىق ھامىلىدارلىق ئالامەتلىرىنى ھېس قىلالايدۇ. بۇ مەزگىلدە فىزىئولوگىيەلىك ئۆزگىرىشتىن باشقا تېخىمۇ كۆپ ئۆزگىرىشلەر پسىخىكا جەھەتتىن بولىدۇ. سىز بەلكىم ھامىلىدارلىقتىن ئىلگىرى بوۋىقىڭىزغا زىيانلىق ئىشلارنى قىلىپ قالغاندىمەنمۇ دەپ ئەنسىرەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن ھەرگىز غەم قىلماڭ ، ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا ئەگەر ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ساغلام بولمىسا، ھەرگىزمۇ ئورۇنلىشالمايدۇ، بەلكى بىنورماللىق سەۋەبلىك تۆرەلمە ئاللىبۇرۇن چۈشۈپ كەتكەن بولاتتى.

بۇ ھەپتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

1 . تۇغۇش ۋاقتىنى ھېسابلاش: ھامىلىدار بولغىنىڭىزنى بايقىغاندا، ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ھەيز كەلگەن كۈنىڭىزنى ئېسىڭىزدە تۇتۇۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ،.

2. چوڭ ياشتىكى ھامىلىدارلار: ئەگەر سىز چوڭ ياشتىكى ھامىلىدار بولسىڭىز ، ھامىلدارلىقىڭىزنى بىلگەندىن كىيىن دوختۇرلاردىن سۈرۈشتە قىلىپ،

دوختۇرخانىغا بېرىپ چوڭ تەكشۈرۈش قىلدۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى تەپسىلىي ئاڭلاڭ ۋە چوڭ ياشتىكى ھامىلىدارلار دۇچ كېلىدىغان خەتەرلەرنى بىلىۋېلىڭ.

3. ھامىلىدارلار تاماكا ۋە ھاراقلاردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك، بۇرۇن ھاراق ئىچىشنى، تاماكا چېكىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار بولسا تىزدىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ.

4. زۇكام، قىززىتىپ قېلىش: ھەر بىر ھامىلىدار ئانا بۇ ھامىلدارلىق مەزگىلىنى ساغلام ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ، ئەمما ھەرقانچە ئېھتىيات قىلسىمۇ يەنىلا زۇكام بولۇپ قېلىشى ۋە قىزىتىپ قېلىشى مۇمكىن. كۆپ ئەنسىرەپ كەتمەڭ ، ئەگەر بەك ئېغىر بولمىسىلا، تاماق ۋە ئارامغا دىققەت قىلىپ، ئۆيدە داۋالاش ئېلىپ بارسىڭىزلا ياخشى بولۇپ قالىسىز.

بۇ ھەپتە دادا بولغۇچىلار نېمە قىلىشى كېرەك؟

ئايالىڭىز ھامىلىدار بولغاندىن باشلاپ، سىزنىڭمۇ دەرىجىڭىز ئۆسۈپ دادا بولۇش ئالدىدا تۇرۇپسىز. گەرچە بوۋىقىڭىز ئايالىڭىزنىڭ بالىياتقۇسىدا ئاستا-ئاستا چوڭىيىۋاتقان بولسىمۇ، سىز دادا بولغۇچىمۇ بىكار تۇرسىڭىز بولمايدۇ پۈتۈن
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە، ئايالىڭىز بارلىق خۇشاللىق ۋە ئەندىشىلىرىنى سىز بىلەن بىرگە ھۇزۇرلىنىشقا موھتاج. تۇرمۇش ۋە روھى جەھەتتىن سىزنىڭ قوللىشىڭىزغا ۋە چۈشىنىشىڭىزگە موھتاج. ھازىر تاماكا چېكىدىغان دادا بولغۇچىلار چوقۇم تاماكىنى تاشلىشى كېرەك. ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان يەنە بىر ئىش شۇكى، ھامىلدارلىقنىڭ ئالدىنقى مەزگىلى بولغان بۇ ئۈچ ئايدا جىنسىي تۇرمۇشنى توختىتىپ تۇرۇش كېرەك.
ئايبالام بلوگى ماقالىسى aybalam.com
تەھرىرلىگۈچى: نۇرمەمەت دوختۇر
مەزكۈر مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-06-20

مەزكۈر مەزمون ئاخىرقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقىت: 2022-01-03 / 10:46:04

سەمىمىي ئەسكەرتىش
بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

نۇر دوختۇر Doctor Nur
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttps://dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

1,743FansLike
697FollowersFollow
1,900SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر