
ئومۇرتقا تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىش كېسىلىنى داۋالاشقا پايدىلىق ھەرىكەتلەر
(بەل فىتىغى) Bel fıtığı için faydalı hareketler
تۈنۈگۈن يېرىم كېچىدە يېشى سەل چوڭراق بىر بىمار خانىم ئۇچۇر قىلىپتۇ، بۇ خانىمنىڭ بەل ئومۇرتقا تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىش كېسىلى باركەن. ئالاھەزەل 10 مىنوتقا يېقىن ۋاتسئاپتا ئاۋازلىق ئۇچۇر قىلىپتۇ. ئۇ ۋاقىتتا كېچە سائەت 11:48 بولغان ئىدى. بەلكىم ئاغرىقتا ياتالماي ئۇچۇر قىلغان بولۇشى مۇمكىن. بەزى تەۋسىيەلەرنى بەردىم.
بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش، توغرا بولمىغان تۇرمۇش ھالىتى ۋەيا باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەل ئومۇرتقا تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىش كېسىلىگە مۇپتىلا بولغانلارنىڭ سانى بارغانچە كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇ كېسەللەرگە مەسلىھەت بېرىش جەريانىدا ھەر قېتىم فىزىلىكىلىق داۋالاش دوختۇرلىرى، سۆڭەك كېسەللىكلىرى دوختۇرى بەزى تەنھەرىكەتلەرنى تەۋسىيە قىلىدۇ، شۇلارنى ئىشلەپ بېرىڭ. تورلاردىن تاپالايسىز دەيتتىم. بۇ خانىم ئۈچۈن بۈگۈن ئەتتىگەن تۇرۇپ، بۇ رەسىنى توردىن تېپىپ، تەرجىمە قىلىپ قويدۇم ، بۇ يەردىمۇ بەھىرلىنىپ قويۇشنى توغرا كۆردۈم.
تورداشلارنىڭ چېنىقىپ بېرىشىنى، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشىنى، بەدەندە ئاغرىق بولسا چوقۇملا دورا ياكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىلا ئەمەس بەلكى تەنھەرىكەتنىڭ بەدەن ساغلاملىقىنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى ئەستە چىقارماسلىقىمىز لازىم.
چېنىقىپ بېرىڭ. ساغلام تۇرۇڭ.
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
+1
1
+1
+1
+1
+1
+1


