ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرسۆڭەك كېسەللىكلىرىبويۇن ئومۇرتقىسى ئاغرىش ۋە ئۇنى داۋالاش

بويۇن ئومۇرتقىسى ئاغرىش ۋە ئۇنى داۋالاش

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

دۇرۇس بولمىغان بەدەن قىياپىتى يەنى، ئۇزاق مەزگىل باش چۆكۈرۈپ يېزىقچىلىق قىلىش، پاكار ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىش، ئۇدا بىرنەچچە سائەت كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىش، ياستۇقنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى ياكى كۆپ ياستۇق ئىشلىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بويۇم ئومۇرتقا ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا بويۇن ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ ئورنىدىن سىلجىپ كېتىشىنى پەيدا قىلىدۇ

بويۇننىڭ ھەرىكىتى بويۇن ئومۇرتقىسى ئارىلىق تەخسىسىنى يېتەرلىك سۇيۇقلۇققا ئىگە قىلىدىغان بولۇپ، بۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم. باشنىڭ ئېغىرلىقى سۇنى بويۇن ئومۇرتقىسى ئارىلىق تەخسىسىدىن سىقىپ چىقىرىدۇ. ئوخشاش مىقدادىكى سۇنى بويۇن ئومۇرتقىسى ئارىلىق تەخسىسىگە قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن چوقۇم بويۇن ئومۇرتقىسى ئارىلىق تەخسىسىدە بىر-بىرىگە تۇتاشمىغان ھاۋاسىز بوشلۇقلارنى ھاسىل قىلىپ، ھاۋاسىز بوشلۇقنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ سۇنى سۈمۈرۈتۈپ كېلىش كېرەك. پەقەت باش ۋە بويۇننى تولۇق ھەرىكەتلەندۈرۈپ، بويۇننى ئارقىغا ئەگكەندىلا سۇ ھاۋاسىز بوشلۇققا قايتىپ كېلەلەيدۇ.

بويۇن ئومۇرتقىسى ئارىلىق تەخسىسىنىڭ ئورنىدىن سىلجىپ كېتىشى بويۇن ئومۇرتقىسى ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر ئەھۋال ئېغىر بولمىسا بىمار ئاستا-ئاستا، قايتا-قايتىلاپ باشنى تۆۋەن چۈشۈرۈپ ئارقىغا غادايتىشى، مۇمكىنقەدەر ئارقىغا بەكرەك غادايتىپ ھەر قېتىم 30 سېكۇنتتىن داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. بويۇننى سوزۇش ھەرىكىتىنى ھاۋاسىز بوشلۇقنىڭ شوراش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، سۇنى بويۇن ئومۇرتقىسى ئارىلىق تەخسىسىگە قايتۇرۇپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بويۇن ئومۇرتقىسى ئارىلىق تەخسىسىنىڭ ئالدى تەرىپى ئومۇرتقا تارىمۇشى بىلەن تۇتاشقان بولغاچقا، بۇنداق قىلىش بويۇن ئومۇرتقىسى ئارىلىق تەخسىسىنى نورمال ئورنىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، بويۇندىكى نېرۋا يىلتىزىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ.

يەنە بىر خىل ئوڭاي ئوڭشاش ئۇسۇلى كارىۋاتتا ئوڭدا يېتىپ دۈمبىسىنى كارىۋاتنىڭ قىرىغا چاپلاپ بېشىنى كارىۋاتتىن تۆۋەنگە ساڭگىلىتىش، بۇ خىل قىياپەت باشنىڭ ئېغىرلىقىدىن پايدىلىنىپ ۋاقتىنچە ئېغىرلىق چۈشمەيدىغان بويۇن قىسمىنى تارتىپ بويۇننى ئارقىغا كېرىدۇ. بۇ خىل ھالەتنى بىرئاز ساقلىغاندىن كېيىن بويۇندىكى جىددىيلىك پۈتۈنلەي تۈگەيدۇ. بۇ خىل ھالەت بويۇن ئومۇرتقىسى ئارىلىق تەخسىسىدە ھاۋاسىز بوشلۇق پەيدا قىلىشقا پايدىلىق. يەر يۈزىنى كۆرگەنگە قەدەر ئاستا-ئاستا ئارقىغا ئېگىلىڭ، تاكى پۇتىڭىزنىڭ قارشى تەرىپىدىكى تامنى كۆرگەنگە قەدەر بېشىڭىزنى يەرگە ساڭگىلىتىپ ئاندىن كۆتۈرۈڭ. بۇ جەرياننىڭ ئومۇرتقا ئارىسىدا بىر=-بىرىگە ئۇلاشمىغان ھاۋاسىز بوشلۇق پەيدا قىلىشقا پايدىسى بار. ھاۋاسىز بوشلۇق سۇنى بويۇن ئومۇرتقىسى ئارىلىقىدىكى تەخسىگە شوراپ كىرىپ سۇنى بويۇندىكى بارلىق بوغۇملارغا يەتكۈزىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق بويۇن ھەرىكىتىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ.

بويۇن ئومۇرتقىسى ئارىلىقتىكى تەخسە سۇنى شورىغاندىن كېيىن قايتىدىن تەبىئىي ھالىتىگە قايتىدۇ. بويۇن ئومۇرتقىسى بوغۇملىرى كېرىلىشكە ئېرىشىپ ئۆزئارا ئايرىلىدۇ. ھازىر سىز سىناق ھالدا بېشىڭىزنى ئارقىغا غادايتىپ يەنە تۆۋەن قىلىڭ. بېشىڭىزنى بۇراپ بىر تەرەپتىكى پول ۋە تامغا قاراڭ. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر تەرەپتىكى پول ۋە تامغا قاراڭ. بويۇن ئومۇرتقىسى <<بوغۇم ياللۇغى>> غا گىرىپتار بولغۇچىلار ياكى بويۇن ئومۇرتقىسى ئورنىدىن سىلجىپ كەتكەن بىمارلار بۇ ئۇسۇلنى سىناپ باقسا بولىدۇ. بۇ ئۇسسۇل بويۇن ئومۇرتقىسى بوغۇمىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-19

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-01 / 03:18:50

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ