ئىنچىكە ئويلايدىغان بولساق، نۇرغۇن ئادەمنىڭ بېشى قېيىپ باققان «تارىخى» بار. قورساق تويمىغاندا، ئۇيقا ياخشى بولمىغاندا، چارچىغاندا، كۆڭۈل پەرىشان بولغاندا….بۇلاردىن باشقا، باشنىڭ بەزىدە تۇيۇقسىز قېيىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلەمسىز؟ بۇنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئىنكاس بىلەن ئالاقىسى يوق بولۇپ، كۆپ ۋاقىتلاردا كېسەللىك سەۋەبىدىن بولىدۇ.
ئوخشىمىغان ياش قاتلىمىدىكىلەرنىڭ باش قېيىش سەۋەبىمۇ ئوخشىمايدۇ.
بالىلاردا قىسقا ۋاقىت باش قېيىپ كۆڭلى ئېلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە قۇلاق غوڭۇلداش ياكى ئاڭلاش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچراش سەۋەبىدىن بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدۇ.
ھامىلدارلارنىڭ بېشى قايسا، سالامەتلىكى ناچارلىشىش سەۋەبىدىن بولىدۇ، بۇنداق ۋاقىتلاردا چوقۇم ئارام ئېلىش كېرەك.
ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلاردا باش قېيىشنىڭ سەۋەبى كۆپىنچە ھاللاردا قان بېسىم، قان قەنتى ياكى قان ئازلىق سەۋەبىدىن بولىدۇ، ئادەتتە كۆپىنچە سېمىزلىك، يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، دىيابىت قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن باش قېيىش كۆپ كۆرۈلىدۇ. بەزى ھاللاردا چېنىقىش كەمچىل بولۇشتىنمۇ باش قېيىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، چوقۇم تەكشۈرتۈپ سەۋەبىنى تېپىش كېرەك.