ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر ساغلاملىقىئەرلەرگە پايدىلىق ئۈچ خىل كۆكتات

ئەرلەرگە پايدىلىق ئۈچ خىل كۆكتات

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

باشپىياز:

باشپىياز تەركىبىدە ئوزۇقلۇق ماددا مول بولۇپ ، قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ ، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىدۇ . تېببىي تەتقىقاتقا قارىغاندا ، باشپىيازدىكى ھەرخىل ۋىتامىنلار ئادەم بەدىندىكى ھورمۇنلارنىڭ نورمال ئاجىرلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن ھەم ئادەمنىڭ ھېسىياتىنى قوزغاپ ، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدىكەن . پىيازنى قورۇپ ياكى خام يېسىمۇ ، تېتىتقۇ ئورنىدا ئىشلەتسىمۇ بولىدىكەن .

كۈدە :

كۈدىنىڭ مىجەزنى مۆتىدىللەشتۈرۈش ، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمى بار . كۈدە ئادەمنىڭ زېھنىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە ، ئەرلەردىكى جىنسى توسالغۇ قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ناھايىتى ياخشى شىپا بولىدۇ . شۇڭا قەدىمكى كىتابلاردا : كۈدە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان ئۆسۈملۈك دورا، دەپ ئاتالغان .

ئەرلەرگە پايدىلىق ئۈچ خىل كۆكتات كۈدە

كۈدىدە ئاقسىل ، ياغ ، كاربونلۇق سۇ بىرىكمىسى ، كاروتىن ۋە ۋىتامىنC مول بولغاندىن سىرت، يەنە كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق مېنىرال ماددىلار بار . ئەرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، كۈدە-راك قورىمىسى ياكى كۈدە-تۇخۇم قورىمىسى بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان ئەڭ ئاددى ۋە ئۈنۈملۈك قورۇما. لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى، كۈدە تەستە ھەزىم بولىدۇ، بىر قېتىمدا بەك كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ . ئىچى پۇشىدىغان، چىرايى قىزىرىدىغان، ئاغزى قۇرۇپ كەتسىمۇ سۇ ئىچكۈسى كەلمەيدىغانلار ، سوغوق تەرلەيدىغانلار ئەڭ ياخشىسى كۈدىنى ئاز يېيىشى ، رېئاكسىيە بېرىدىغانلار يېمەسلىكى كېرەك .

غولپىياز :

رىم دوختۇرلىرى غولپىيازنى ئىشتەي ئاچىدىغان دورا ئورنىدا ئىشلەتكەن ؛ ھىندىستانلىقلار غولپىيازنى‹‹جىنسى ھورمۇن›› دەپ ئاتىغان . يېقىنقى زامان تېبابىتىدە بايقىلىشچە ، غولپىياز ياللۇغنى تزگىنلەپ ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ ، ئىچ سۈرۈشنى توختىدىكەن ، قاندىكى قەنت تەركىبىنى ، ياغنى ، خولېستېرول ۋە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىكەن . ئۇ ھازىرچە بايقالغان، تەركىبىدە پروستاگلاندىن(مەزى بېزى پىگمېنتى)بار بىردىنبر ئۆسۈملۈك بولۇپ ، مەزى بېزىنى قوغدايدىكەن ھەم بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىكەن .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-09-26

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-09-30 / 02:04:45

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ