سۆڭەك چۈرۈكلىشىش ياشانغانلاردىكى سۆڭەك سۇنۇشنىڭ مۇھىم سەۋەبىدۇر چۈنكى ياشانغاندا ھەر خىل كېسەللىك تۈپەيلىدىن كالتسىي ماددىسى ئازلاپ ، سۆڭەك چۈرۈكلىشىدۇ شۇڭا سۆڭەك ئاسان سۇنىدۇ بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك
1)ياشانغانلار ئاپتاپتا قاقلىنىپ بېرىشى ، كالا سۈتى ئستېمال قىلىشى ، كۆكتاتلارنى يەپ بېرىشى كېرەك .
2)ياشانغانلار قاراڭغۇدا ئىمكانقەدەر يول يۈرمەسىلىك ، يول يۈرگەندە يەرنىڭ تەكشى-تەكشى ئەمەسلىكىگە دېققەت قىلىش كېرەك . ياشانغانلار بار ئۆيدە قالايمىقان نەرسە تاشلىماسلىق ، تېيىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك .
3)ياشانغانلار يۇيۇنغاندا ئولتۇرۇپ يۇيۇنۇش ، سۇدا بەك ئۇزۇن تۇرماسلىق ، پەلەمپەيدىن ماڭانغاندا ئېھتىيات قىلىش كېرەك .
4) ياشانغانلار ئۇخلاشتىن بۇرۇن تېنچلاندۇرۇغۇچى دورىنى يېيگەندە كۆپ يەۋالماسلىق ھەم ياتىدىغان كارىۋىتى بەك ئېگىز بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك .
5)كېچىلىرى ھاجەتخانىغا چىققاندا چىراغ يورۇتۇش ، كېچىسى ئورۇندىن تۇرۇپلا ماڭماي ، بىر ئاز ئولتۇرۇۋېلىپ ، ئاندىن مېڭىش كېرەك . بۇنداق قىلمىغاندا تۇرغاندىن كېيىن قان بېسىمى چۈشۈپ كېتىش ، ئايلىنىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ .
6)ياشانغانلار يول ماڭغاندا ئاياغنىڭ ئاستى بەك سىلىق بولماسىلىقى ، ئادەم بەك كۆپ، ماشىنا كۆپ ئورۇنلارغا بارماسلىقى كېرەك .
7)ياز كۈنلىرى يامغۇر ياغقان ، قىش كۈنلىرى مۇز توڭلىغان يەردە ماڭغاندا دېققەت قىلىش ، ئەڭ ياخشىسى بۇنداق ۋاقىتتا سىرتقا چىقماسلىق كېرەك .
سۆڭەك چۈرۈكلىشىش،سۆڭەك شالاڭلىشىش–骨质疏松