ئادەم بەدەن تېمپېراتۇرىسى ھەققىدە بەزى ئۇچۇرلار

0
1344
ئادەم بەدەن تېمپېراتۇرىسى ھەققىدە بەزى ئۇچۇرلار

ئادەم بەدەن تېمپىراتۇراسى يەنى بەدەن ئىسسىقلىقى توغرىسىدا بەزى ئۇچۇرلارنى بۇ يەرگە يىغىپ قويدۇق.

  • نورمال كىشىلەرنىڭ بەدەن ئىسىسقلىقىنى 3 يەردە ئۆلچەيدۇ. قولتۇق ئاستى، ئېغىز بوشلۇقى، مەقەت.
  • قولتۇق ئاستىدا: 36-37 ئارىلىقىدا، ئېغىز بوشلۇقى: 36.3-37.2 ، مەقەت: 36.3-37.5.
  • بەدەن ئىسسىقلىقىنى بەدەننىڭ تەر بەزلىرى، تەر سىستېمىسى تەڭشەشتە ئەڭ چوڭ رولنى ئوينايدۇ. قالغانلىرى قان ئايلىنىش سىستېمىسىمۇ بەدەن تېمپىراتۇراسىنى تەڭشىيەلەيدۇ.
  • قىزلارنىڭ بەدەن تېمپىراتۇراسى، ئوغۇللاردىن سەل يۇقىرى.
  • ئايال قىزلار ئادەت ئالدى مەزگىلىدە، ھامىلە مەزگىلىدە بەدەن تېمپىراتۇراسى سەل يۇقىرى بولىدۇ. ئادەت مەزگىلىدە تۆۋەنلەيدۇ.
  • قوساق ئاچقاندا سەل سوۋۇيدۇ، تاماق يىگەندە ئىسسىيدۇ.
  • يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن نورمال ئۆزگىرىشلەر ئادەتتە 1 سىلسىيە گىرادۇسنىڭ ئىچىدە بولىدۇ.
  • بوۋاقلارنىڭ مەقەت تېمپىراتۇراسى: 36.5-37.5 ئەتراپىدا.
  • 38 ياكى يېقىنلاشسا تۆۋەن قىززىتما، 39 ياكى 39غا يېقىنلاشسا يۇقىرى قىززىتما.
  • بوۋاقلار يۇقىرى قىززىتما بولسا، تارتىشىپ قېلىش خەتىرى بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى مېڭىنىڭ زەخىملىنىشى.
  • 39-40 ياكى ئېىشپ كەتسە خەتەرلىك. 41 دىن ئېشىپ كەتسە، ئادەم ھوشىدىن كېتىش، مېڭىسى قايمۇقۇش ئەھۋاللىرى بولىدۇ.
  • كۆپىنچە قىززىشنىڭ سەۋەبى بەدەندە بىر يۇقۇملىنىش بارلىقنىڭ ئىھتىماللىقىنى كۆرسىتىدۇ.

قىززىتمىنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى: ئاۋۋال تەبىئىي ئۇسۇلنى ئىشلىتىش لازىم. ئاندىن دورىلىق ئۇسۇل. بۇنىڭ بىلەن بىرگە قىززىتما چىقىشنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ داۋالاش كېرەك.

 

يۇقارىدىكى ماقالىدە تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاپ تاپالايسىز:

  • نورمال بەدەن تېمپىراتۇراسى قانچە بولىدۇ؟
  • نورمال بەدەن ئىسسىقلىقى قانچە؟
  • بەدەن تېمپىراتۇراسىنى قەيەردىن ئۆلچەيمىز؟
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here