قۇرامىغا يەتكەن ساغلام ئادەم مىنوتىغا 12-20 قېتىم نەپەس ئالىدۇ. كىچىك بالىلارنىڭ 20-30 قېتىمغىچە بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ تېخىمۇ تېز بولىدۇ.
- نەپەسلىنىشى سانى تېزلىشىپ كەتسە، تەنھەرىكەت قىلمىغان ياكى بىلىپ تۇرۇپ قىلمىغان بىر كىشى بولسا، بەدەندە بىر ئاغرىق، بىر كېسەللىك بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن ئۆپكەدىكى كېسەللىكلەر، يۈرەك كېسەللىكلىرى، بەدەندىكى قاتتىق ئاغرىقلار، كۆكرەك پەردىسى كېسەللىكلىرى، ھەرخىل ماددا زەھەرلىنىش، كاربون چالا ئوكسىد زەھەرلىنىش (كۆمۈر زەھەرلىنىشى)، قان ئازلىق، روھىي كېسەللىكلەر، قىززىش، مېڭە ياللۇغى، ….
- نەپەس ئاستىلاپ كېتىش: ناركوزلىنىش، ئۇخلاش دورىسى زەھەرلىنىش، جىگەر زەئىپلىشىشنىڭ ئېغىر ۋاقىتلىرى، ئۆلۈشنىڭ ئالدى
- نەپەس ئېلىش چوڭقۇرلىشىش: جىگەر زەئىپلىشىشنىڭ ئېغىر ۋاقىتلىرى، شىكەر كېسىلىنىڭ كىسلاتالىق زەھەرلىنىش دەۋرى.
- نەپەس ئېلىش تىيىزلىشىش ھەم تۇرۇپ تۇرۇپ نەپەس ئېلىش: مېڭە ياللۇغى ۋە ياكى باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كىسلاتالىق زەھەرلىنىش ئەھۋالى